باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون ئۆگىنىش، تەربىيەلەش، پىكىر ئاڭلاش ھالقىسىدىكى ‹‹قايتا ئەسلەش››خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى

2014.05.15 15:06         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىن ۋېيمىن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يېقىندا 2 – تۈركۈمدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ‹‹ئۆگىنىش، تەربىيەلەش، پىكىر ئاڭلاش ھالقىسىدىكى <قايتا ئەسلەش> خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش››(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹ئۇقتۇرۇش›› دېيىلىدۇ)نى تارقىتىپ، مەسىلىنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇش، تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇرۇش ھالقىسى باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئۆگىنىش، تەربىيەلەش، پىكىر ئاڭلاش ھالقىسىدىكى ‹‹قايتا ئەسلەش›› خىزمىتىنى تەشكىللەپ، تەلەپكە يەتمىگەنلەرنى مۇددەت بەلگىلەپ ‹‹دەرس تولۇقلاش››قا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆلچەمگە يەتمىگەنلەرنىڭ كېيىنكى ھالقىغا ئۆتمەسلىكىنى قارار قىلدى.

  ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى ياخشى باشلىنىپ، تەدرىجىي ئەۋجىگە كۆتۈرۈلۈپ، پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسى يېتەرلىك بولماسلىق، خىزمەت مەسئۇلىيىتى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشمەسلىك، ئۆگىنىش، تەربىيەلەش چىڭ تۇتۇلماسلىق، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئاڭلىماسلىق، ئۆتكەلنى نازارەت قىلىش قاتتىق بولماسلىقتەك مەسىلىلەرمۇ مەۋجۇت بولماقتا.

  ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئۆگىنىش، تەربىيەلەش، پىكىر ئاڭلاش ھالقىسىدىكى ‹‹قايتا ئەسلەش››نى قانات يايدۇرۇشتا تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، باسقۇچلۇق نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بەلگىلەنگەن ھەرىكەتلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاساسىي قەدەم – باسقۇچنى كەم قىلماسلىق ۋە ئۆزگەرتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇش – بولماسلىقى، ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنىڭ پۇختا، ئۈنۈملۈك بولغان – بولمىغانلىقى، پىكىر ئاڭلاشنىڭ كەڭ دائىرىلىك، چوڭقۇر بولغان – بولمىغانلىقى، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن – ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەنلىكى، ئۆگەنگەچ ئۆزگەرتىشتە ئاڭلىق، تەشەببۇسكار بولۇنغان – بولۇنمىغانلىقىغا قاراشنى نۇقتىلىق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا مۇنداق دېيىلدى: ‹‹قايتا ئەسلەش››نى قانات يايدۇرۇشتا پوزىتسىيەنى توغرىلاش، نۇقسانلارنى تەكشۈرۈش، يوچۇقلارنى ئېتىش، ئاسان يولغا قويغىلى بولىدىغان، ئاددىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي ئورگانلار، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ‹‹قايتا ئەسلەش›› خىزمىتىنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇش كېرەك، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىمۇ ‹‹قايتا ئەسلەش››نى ۋاقتىدا تەشكىللەپ، سەۋەبلەرنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، ۋاقتىدا ھەل قىلىشى كېرەك. ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ‹‹قايتا ئەسلەش›› خىزمىتىنىڭ تەشكىلىي رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا مۇزاكىرە قىلىپ ھەل قىلىپ، ناھىيە، شەھەر، تارماقلارنىڭ ‹‹قايتا ئەسلەش›› خىزمىتىنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. جايلار، تارماقلار ئۆگىنىش، تەربىيەلەش، پىكىر ئاڭلاش ھالقىسىدىكى ‹‹قايتا ئەسلەش››نى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ‹‹قايتا ئەسلەش››نى ئەستايىدىل تەشكىللىشى كېرەك. تەكشۈرۈش – يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى ‹‹قايتا ئەسلەش››نى مۇھىم مەزمۇن سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، جايلارنىڭ ‹‹قايتا ئەسلەش›› خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بىر – بىرلەپ باھالاپ، تۈرلەر بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇشى، تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرى ۋاقتىدا ‹‹دەرس تولۇقلىشى›› كېرەك، ئۆلچەمگە يەتمىگەنلەرنىڭ كېيىنكى ھالقىغا ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

  ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جايلار، ئورۇنلار ئۆزىنى تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى تېزدىن قانات يايدۇرۇپ، ‹‹بىرىنچى قول رەھبەر›› باشلامچىلىق بىلەن ئەھمىيەت بېرىش، بەنزە كوللېكتىپى مۇزاكىرە قىلىش، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئۆزىدىن سوئال سوراش، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسى تەكشۈرۈشكە تەشكىللەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ‹‹قايتا ئەسلەش›› خىزمىتىنىڭ نۇقتىلىق مەزمۇنىغا ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. ‹‹بىرىنچى قول رەھبەر›› سۆھبەتلىشىش، پىكىرلىشىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئانالىز قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، باشلامچىلىق بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا ياخشى ئۈلگە بولۇشى؛ پارتكوم (ياچېيكا) مەخسۇس تېما يىغىنى ئېچىپ، كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ، ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى ئانالىز قىلىشى ۋە باھالىشى؛ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بولۇپمۇ مۇئاۋىن ھاكىم دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ‹‹قايتا ئەسلەش››نىڭ نۇقتىلىق مەزمۇنىغا ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ، تۈرلەر بويىچە ئۆزىنى تەكشۈرۈشى كېرەك. ‹‹قايتا ئەسلەش›› ئارقىلىق، مەسىلىنى ھەقىقىي بايقاپ، پەرقنى تېپىپ چىقىپ، ‹‹دەرس تولۇقلاش››قا تېگىشلىكلىرى ‹‹دەرس تولۇقلىشى››، ‹‹قايتا تەربىيەلىنىش››كە تېگىشلىكلىرى ‹‹قايتا تەربىيەلىنىشى››، شەكىلۋازلىق قىلغانلىرى جەزمەن قايتىدىن باشلىشى كېرەك. مەسىلىنىڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلىپ، مەسىلىسى ئېغىرراق بولغانلىرىنى كەسكىن تۈزەپ، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ساغلام قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر