باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ خەلقئارا سودا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

2014.05.16 15:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدە خەلقئارا سودا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ماككراۋ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى. لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلقئارا سودا جەمئىيىتى مۇھىم ئەلئارا خەلقئارا ئىقتىسادىي تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقئارا سودا تەرەققىياتى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىدە ئىجابىي رول ئوينىدى. جۇڭگو خەلقئارا سودا جەمئىيىتىگە كىرگەن 20 يىلدىن بۇيان، ئالاقىدار ئىشلارغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، نۇرغۇن پۇل مۇئامىلە ۋە سودا ساھەسىدىكى قائىدە ۋە قېلىپلارنى كىرگۈزدى، بۇنىڭ جۇڭگونىڭ سودا مۇھىتى ۋە كارخانىلارنىڭ خەلقئارالىق سەۋىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ياردىمى بولدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرماقتا، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتمەكتە. بىز جۇڭگو ۋە چەتئەل كارخانىلىرىغا بىردەك مۇئامىلە قىلىدىغان، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان سودا مۇھىتى يارىتىپ بېرىمىز، ھەر قايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىياتى كەڭ بوشلۇققا ئىگە. جۇڭگو خەلقئارا سودا جەمئىيىتى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى قوغداشقا قارشى تۇرۇپ، ئادىل ھەققانىي خەلقئارا ئىقتىسادىي تەرتىپنى قوغدايدۇ.

  ماككروۋ باش مىنىستىر لى كېچياڭنىڭ يېقىندا ئافرىقىدىكى تۆت دۆلەتتىكى زىيارىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى، جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كۆپەيتىش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە ئىجابىي باھا بەردى، خەلقئارا سودا جەمئىيىتىنىڭ جۇڭگو بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يەر شارى سودىغا مەبلەغ سېلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا سىستېمىسىنى قوغداپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر