باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى نۆۋەتتە سىرتقا چىقىش قەدىمىنى تىزلەتمەكتە

2014.05.12 18:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5-ماي ئىمزالانغان 13 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق نىگېرىيە دېڭىز ياقىسى تۆمۈر يولى رامكىسى كېلىشىمىدە جۇڭگونىڭ چەتئەللەردە ھۆددىگە ئالغان قۇرۇلۇش يەككە توختام سوممىسىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى، جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى نۆۋەتتە سىرتقا چىقىش قەدىمىنى تېخىمۇ تىزلەتمەكتە.

  جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى جۇڭتۇ گۇرۇھى بىلەن نىگېرىيە ئىمزالىغان بۇ تۈر نېگىرىيىنىڭ دېڭىز ياقىسى رايونىدىكى ئون شىتاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، پۈتكۈل نىگېرىيە دىلتىسى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش رايونىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1385 كىلومېتىر بولۇپ، پۈتكۈل لىنىيەدە 22 ۋوگزال تەسىس قىلىنغان، پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئۆلچەم قۇرۇلۇشى ئىشلىتىلگەن، غەربىي ئافرىقا ئىقتىسادى ئورتاق گەۋدىسى تۆمۈر يول تورىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى ھېسابلىنىدۇ.

  تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كارخانىسى چەتئەللەردە ياسايدىغان ئىفوپىيەدىن جىبۇتى جۇمھۇرىيىتىگە قاتنايدىغان يەنە بىر دۆلەت ھالقىغان تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى، بۇ چەتئەللەرنىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگو ئۆلچىمى بۇيىچە ياسىغان ئېلىكتىرلەشتۈرۈلگەن تۆمۈر يول ھېسابلىنىدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدىن ئىستانبۇلغا، ۋىنسۇئىلانىڭ دىنانا شەھىرىدىن ئاناكوغا قاتنايدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىمۇ جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە لايىھەلەنگەن، بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى گوروھى تۈركىيە، نىگېرىيە، ئالجىرىيە، بېلورۇسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئانگولا قاتارلىق 24 دۆلەت ۋە رايونىدا جۇڭگو ئۆلچىمى بويىچە 56 تۆمۈر يول تۈرىنى ھۆددىگە ئالغان بولۇپ، كېلىشىم سوممىسى 26 مىليارد 980 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر