باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شاڭخەي جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش مەشىقى قىلدى

2014.05.12 19:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شاڭخەي شەھىرىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى 10-ماي ئاسىيا ئۆز ئارا ھەمكارلىق ۋە ئىشىنىش تەدبىرى يىغىنىنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش ، ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئەمەلىي ئۇرۇش مەشىقى قىلدى. دۆلەت كومىسسارى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى گو شېڭكۈن مەشىقنى كۆردى.

  گو شېڭكۈن مەشىقتىن كېيىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى مۇرەككەپ كەسكىن. ئاسىيا ئۆز ئارا ھەمكارلىق ۋە ئىشىنىش تەدبىرى يىغىنىنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا قەدەم قويدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى بولۇپمۇ شاڭخەيدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىي مەشىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر خىل مۇرەككەپ شارائىتتا ئەمەلىي مەشىق قىلىش ماھارىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر