باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شەرقىي ئافرىقا قاتناش كارىدورى قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭگو-ئافرىقا دوستلۇق كۆۋرۈكى بەرپا قىلايلى

لى كېچياڭ كېنىيە مومباسا-نايروبى تۆمۈريولى تۈرىگە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى

2014.05.12 18:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن نايروبى دۆلەت سارىيىدا كېنىيە زۇڭتۇڭى كېنياتا، ئۇگاندا زۇڭتۇڭى مۇسەۋەنى، رىۋاندا زۇڭتۇڭى كاگامى، جەنۇبىي سۇدان زۇڭتۇڭى گىل قاتارلىق شەرقىي ئافرىقا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى، تانزانىيە، بۇرۇندى، جەنۇبىي ئافرىقا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە كېنىيە مومباسا-نايروبى تۆمۈريولى تۈرىگە جۇڭگو-كېنىيە بىرلىكتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. بۇ تۈرنى جۇڭگو شىركىتى ئۈستىگە ئالغان.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: نايروبىدا ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ چوڭ ئىشنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. يولنى يىراق كۆرمەي كېلىپ ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىڭلار دۆلىتىڭلارنىڭ شەرقىي ئافرىقا تۆمۈريول تورى قۇرۇلۇشىنى قوللايدىغانلىقىڭلارنى كۆرسىتىپ بەردى. دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا قاتناشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن تۆمۈريول قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى تېخنىكا ۋە تەجرىبىلەردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، لايىھەلەش، قۇرۇلۇش، ئۈسكۈنە، باشقۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، تۈرگە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر