باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

زۇڭلى لى كېچياڭ ئانگۇلا زۇڭتۇڭى دوسسانتوس بىلەن سۆھبەتلەشتى

2014.05.12 19:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گو ۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئانگۇلا زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە، ئانگۇلا زۇڭتۇڭى دوسسانتوس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئانگۇلا چوڭقۇر دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە ئىگە. جۇڭگو جۇڭگو-ئانگولا مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئانگولانى يېقىن دوستى ۋە ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم شېرىكى دەپ قارايدۇ. ئانگۇلانىڭ تەرەققىيات، تىنچلىق ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى يادرو قىلغان دۆلەتنى ئىدارە قىلىش چارىسىنى قوللايدۇ، ئانگولا تەرەپ بىلەن ئۆز ئارا بىر-بىرىنى قەتئىي قوللاپ، پارتىيەلەر ئارا ئالاقە ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشىلىرىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئانگۇلا بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەمكارلىققا بولغان بىر تۇتتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە يىتەكچىلىك قىلىش رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەرەققىيات پىلانى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئانگۇلاغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ، ئانگۇلانىڭ جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشىنى، جۇڭگو ئورگانلىرى ۋە خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە داۋاملىق كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  دوسسانتوس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئافرىقىنىڭ شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداشتىكى مۇھىم كۈچ، ئانگۇلانىڭ ئىشەنچلىك دوستى ۋە شېرىكى. ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، ئىستىقبالى پارلاق. ئانگۇلا جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئانگۇلاغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىشىنى، ئانگۇلانىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىششىنى قارشى ئالىدۇ، ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي تېخنىكا، داۋالاش، پۇل مۇئامىلە، خادىملارنىڭ بېرىپ-كېلىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىگە ئىمزا قويۇشقا بىرلىكتە شاھىد بولدى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، دوسسانتوس زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە لى كېچياڭ ئۈچۈن داغادۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  سۆھبەتتىن كېيىن، گو ۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئانگۇلا زۇڭتۇڭى دوسسانتوس بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئۇلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر