- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭنىڭ ئاقسۇ شەھىرىدە ساقچىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى
2014.05.09 17:15 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ماي ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرى: 8-ماي سائەت 13 تىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ تارماقلىرى ئاممىنىڭ پاش قىلىشىغا ئاساسەن، بىر گۇمانلىق ماشىنىنى تەكشۈرۈۋاتقاندا، جىنايەت گۇماندارى تۇيۇقسىز خەلق ساقچىسىغا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلغان ھەمدە چارلاش ماشىنىسىغا پارتلاتقۇچ بۇيۇم ئاتقان. ج خ خەلق ساقچىلىرى كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ بىرىنى ئېتىپ تاشلىغان، يەنە بىرىنى قولغا ئالغان. بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا بىر نەپەر ياردەمچى ساقچى ئېغىر يارىلانغان. نۆۋەتتە شۇ جاينىڭ جەمئىيەت تەرتىپى نورماللاشتى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر