باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

2014.05.12 19:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 9-ماي لەنكاۋ ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى كوللىكتىپىنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دىموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا يېتەكچىلىك قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈلۈك تېما، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشكىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، دائىم تۇتۇپ، مۇقىم ھالەتنى كۆرۈش، چوڭقۇر تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۆرۈش، ئۇزاققىچە تۇتۇپ ، ئۇزاق مۇددەتلىك ئۈنۈمنى كۆرۈپ، تۇرغۇزۇش بىلەن بىكار قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئادالەتنى ياقلاپ ناھەقچىلىققا قارشى تۇرۇش ئارقىلىق، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ياخشى پارتىيە ئىستىلى،سىياسى ئېستىل ئارقىلىق، جەمئىيەتتە ئىستىلىدا تۈپتىن بۇرۇلۇش ياساشقا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇش كېرەك. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.

  شەندۇڭ ئۆلكىسى زىبو شەھىرى بوشەن رايونى بادوۋ بازىرى خەلق ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لۈ شۈلەن 15 يىلدىن بۇيان دېھقانلار ئائىلىسىگە كىرىپ، 20نەچچە پارچىدىن ئارتۇق «خەلق ئەھۋالى خاتىرىسى» ئارقىلىق، شۇ يەردىكى قېيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئەھۋالىنى خاتىرلەپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقى ۋە غەمخۇرلۇقىنى يەتكۈزدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ ئەمەلىي، جايىدا بولغان-بولمىغانلىقىغا باھا بېرىشتە پائالىيەت مەزگىلىدە نېمە قىلغانلىقىغا ئەمەس، ئادەتتە نېمە قىلغانلىقىغا قاراش كېرەك.

  جىلىن ئۆلكىسى يەنبىيەن چاۋشيەنزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، يەنجى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جىن يۇڭمۇ مۇنداق دېدى: ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، يەنجى شەھىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرى دېھقانلار ئۆيلىرى، ئېتىز-ئېرىق باشلىرىغا باردى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ «جاپالىق كۆرسەتكۈچى» نى ئاممىنىڭ «بەخت كۆرسەتكۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قايتا قايتا تەكرارلىغان ئېڭىنى چۈشەندۈردى ھەمدە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى.

  گۇاڭشى بەيسى شەھىرى لىڭيۈن ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى خۇاڭ سەيبى مۇنداق دېدى: ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش داۋامىدا بىز چوقۇم رەئىس شى جىنپىڭ تەكىتلىگەنگە ئوخشاش، دائىم تۇتۇپ، مۇقىم ھالەتنى كۆرۈشىمىز، چوڭقۇر تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۆرۈشىمىز، ئۇزاققىچە تۇتۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك ئۈنۈمنى كۆرۈشىمىز كېرەك. ئىستىل ئۆزگەرتىشتە ئەستايدىل بولۇپ، ئىشنى چىرايلىق باشلاپ، چىرايلىق تۈگىتىشىمىز كېرەك.

  بېيجىڭ شەھىرى خۈەيروۋ رايونى بوخەي بازىرى بىيگوۋ كەنتىنىڭ پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى ۋاڭ چۈەن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كادىرلارنى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى بۇ سۆزى ئاساسى قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش تەلىپىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇشقا بولغان مەدەت.

  شاڭخەي شەھىرى جىنشەن رايونى جىنشەنۋىي بازارلىق پارتكوم شۇجىسى گەن يۇڭچىن مۇنداق دېدى : سەمىمىيىلىك بىلەن ئىسلتى ئۆزگەرتىشتە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈندىلىك خىزمەتكە ئورگانىك سېڭدۈرۈش كېرەك. بىز بازار، كەنتنىڭ كادىرلىرىدىن ئاممىنىڭ ئېھتىياجى ۋە دەم ئېلىش ئادىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، يېزىلاردىكى ئامما ۋە نازارىلىق ئەڭ مەركەزلەشكەن يەرگە بېرىشنى، ئەتىگەن سائەت ئالتە يېرىمدا ئامما چاي ئېچىدىغان چايخانىلارغا بېرىشنى، كەچ سائەت ئالتە يېرىمدا ئامما بەدەن چېنىقىدىغان مەيدانغا بېرىپ، كادىرلارنىڭ ئامما بىلەن يېقىندىن ئۇچرىشىنى تەلەپ قىلىپ، نۆۋەتتىكى ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر كېلومېتىر مەسىلىسنى ھەل قىلدۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر