باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىستىل قۇرۇلۇشى -مەڭگۈلۈك تېما

2014.05.12 19:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «خەلق گېزىتى» 11-ماي ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈلۈك تېما- پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ كېڭەيتەيلى دېگەن تېمىدا ئوبزۇرچى ماقالىسى ئېلان قىلدى. ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بىز كۈچنى مەركەزلەشتۇرۇپ، «تۆت ناتوغرا ئىستىل» مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى ھۆكۈمەت ئىستىلىنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق، جەمئىيەت ئېستىلىغا تۈرتكە بولۇپ، سىياسي بىلەن پاك شۇغۇللىنىدىغان سىياسى ھاياتنى تىرىشىپ ياراتتۇق، بىز توغرا ۋاقتىدا تۇتتۇق. ئەمما تۆت ئىستىل مەسىلىسىدىكى بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەرنىڭ كۆرۈلۈشى بىزگە يەنە بىر قېتىم ناتوغرا ئېستىلنى يېڭىشنىڭ ئاسانلا ۋۇجۇدقا چىقمايدىغانلىقىنى، ياخىشى ئىستىلنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ بىر قېتىملىق ئەجىر بىلەن تۈگىمەيدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. ئىستىلنى ئۆزگەرتىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، قېيىن نۇقتىمۇ چىڭ تۇتۇش، ئۈنۈم يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىستىلنى ئىچكى جەھەتتىن ئىتىقاد، سىرتقى جەھەتتىن ئادەتكە، مۇستەھكەم تۈزۈمگە ياخشى ئايلاندۇرغاندىلا، ئاندىن خەلقنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىپ، ئىسلاھات تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك ئىجابىي كۈچنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر