- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


تەڭرىتاغ 1-نومۇرلۇق مۇزلۇقى ئېرىشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە قەدەم قويدى
2014.05.12 16:07 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
تەڭرىتاغ 1-نومۇرلۇق مۇزلۇقى تەدرىجى ئېرىمەكتە
ئۆمۈرنىڭ خۇددىي ئېقىن سۇدەك تېز ئۆتۈپ كەتكىنىگە ئوخشاش ، مۇزلۇقنىڭ يىلدىن يىلغا ئېرىشىغا ئەگىشىپ ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سۇ مەنبەسىمۇ ئاستا-ئاستا ئېقىپ تۈگىمەكتە .
‹‹ ھەر يىلى 5-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان ۋاقىت تەڭرىتاغ 1-مۇزلۇقىنىڭ ئېرىيدىغان يۇقىرى پەللە مەزگىلى بولۇپ ، بۇ مۇزلۇق بىر ئايدا 1 مېتىردىن كۆپرەك ، بىر يىلدا 4 مېتىردىن 8 مېتىرغىچە تارتىلىپ كېتىدۇ ›› . جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەڭرىتاغ مۇزلۇقىنى كۆزىتىش تەجرىبە پونكىتىنىڭ باشلىقى لى جۇڭچىن مۇنداق دېدى : تەڭرىتاغ 1-مۇزلۇقى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھاياتلىق سۇ مەنبەسى بولۇپ ، نۆۋەتتە ، مۇزلۇقنىڭ كۆلىمى 1962-يىلىدىكى 1.95 كىۋادرات كىلومېتىردىن نۆۋەتتىكى 1.62 كىۋادرات كىلومېتىرغا كېمىيىپ ، %17 ئازلىدى . مۇزلۇقنىڭ يۇقىرى تەرىپى 40 مېتىر ئەتراپىدا نېپىزلەپ كەتتى .
ئەگەر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇزلۇقلار ئېرىپ كەتسە ، بۇ شەھەرنىڭ كەلگۈسىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ . شۇڭا بۇ ‹‹ قاتتىق سۇ ئامبىرى ›› نى قوغداشنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرگىلى بولمايدۇ . 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ، ئاپتونوم رايونىمىزدا تەڭرىتاغ 1-نومۇرلۇق مۇزلۇقىنى قوغداش رايونى قۇرۇلۇپ ، كۈچلۈك ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر قوللىنىلىپ ، تەڭرىتاغ 1-نومۇرلۇق مۇزلۇقنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغا زىيان يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەر مەنبەدىن ئۈنۈملۈك تىزگىنلىنىپ ، سۈنئىي ئامىلنىڭ تەسىرى ئەڭ كىچىك دائىرىدە ئازايتىلىپ ، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ، ئېكولوگىيەلىك بۇزغۇنچىلىق سەۋەبلىك كېلىپ چىققان مۇزلۇقنىڭ ئېرىشى ئاستىلىتىلدى .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر