باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ۋېيتنامدىن جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مەشغۇلاتىغا ئارىلاشماسلىقنى تەلەپ قىلدى

2014.05.12 11:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى دېڭىز چېگراسى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يى شيەنلياڭ بىلەن جۇڭگو دېڭىز نېفىتلىك مۇلازىمىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى لى يوڭ 8-ماي جۇڭگو شىشا تاقىم ئاراللىرىدىكى جۇڭگو قۇرۇلۇشى گۇرۇھىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا بۇرغىلاش مەشغۇلاتى ھەققىدىكى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، ۋېيتنامدىن جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مەشغۇلاتىغا بولغان ھەر قانداق شەكىلدىكى كاشىلىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

  جۇڭگو تەرەپ مۇنداق دېدى: 2-مارتتىن بۇيان، ۋېيتنام جۇڭگو دېڭىز نېفىتلىك مۇلازىمىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ جۇڭگونىڭ شىشا تاقىم ئاراللىرىدىكى دېڭىز ساھىلىدا ئېلىپ بارغان نورمال مەشغۇلاتىغا ئېغىر كاشىلا قىلدى، جۇڭگو بۇنىڭدىن چوڭقۇر تاسادىپىيلىق ھېس قىلدى ھەم چۆچۈدى.

  جۇڭگو تەرەپ مۇنداق دېدى: شىشا تاقىم ئاراللىرى جۇڭگونىڭ مۇقىم زېمىنى، بۇنىڭغا ھېچقانداق مۇنازىرە كەتمەيدۇ. جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ شىشا تاقىم ئاراللىرى دېڭىز ساھىلىدا قىلغان مەشغۇلاتى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، ئىگىلىك ھوقۇق مەنپەئەتى ۋە باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى ئىش. ۋېيتنام جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ نورمال پائالىيىتىگە كاشىلا تۇغدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، ئىگىلىك ھوقۇق مەنپەئەتى ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى يەتكۈزۈپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش مەشغۇلات تەرتىپى ۋە جۇڭگو مەشغۇلات سۇپىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ، جۇڭگو-ۋېيتنام مۇناسىۋىتىگە پۈتۈنلەي بىھۇدە ئاۋارىچىلىق پەيدا قىلدى.

  جۇڭگو تەرەپ مۇنداق دېدى: ۋېيتنامنىڭ كاشىلىسى ئالدىدا، جۇڭگو نەق مەيداننىڭ ئامانلىقىنى قوغداش كۈچىنى كۈچەيتىپ، ۋېيتنامنىڭ كاشىلىسىنى توسۇپ، دېڭىز ئۈستى ئىشلەپچىقىرىش مەشغۇلات تەرتىپىنى قوغداپ، دېڭىز قاتنىشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا مەجبۇر بولدى. جۇڭگو ۋېيتنامدىن جۇڭگونىڭ قانۇنلۇق، ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي ھۆرمەتلەپ، ئاقىلانە مەيدانغا قايتىپ، ھەر قانداق شەكىلدىكى كاشىلا تۇغدۇرۇش قىلمىشىنى دەرھال توختىتىپ، نەق مەيداندىن پاراخوت ۋە خادىملىرىنى دەرھال چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر