باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار ئىنتىزام خىزمىتى كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چۈشۈردى

2014.05.12 16:27         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تېلېگراممىسى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتى 17 – ئاپرېل مۇنداق دەپ خەۋەر قىلدى: مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار ئىنتىزام خىزمىتى كومىتېتى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئىستىلىنى ياخشىلاش، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ سۇبيېكت مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، بايرام مەزگىلىدىكى ناچار ئىستىلغا قەتئىي قارشى تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى تەشۋىقات ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پاك بولۇش كەيپىياتىنى يارىتىپ، پارتىيە ئەزالىرى يىغىنى، ئىدارە تور، گېزىت – ژۇرنال، تەشۋىقات ئىستونى، پاكلىق قىسقا ئۇچۇرى قاتارلىق ئۇسۇللاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، تەشۋىقات – تەربىيە سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، پاك بولۇش كەيپىياتىنى يارىتىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ناچار ئىستىلغا ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ، بايرامنى پاك، ئاددىي – ساددا ئۆتكۈزۈشكە يېتەكلىشى كېرەك. مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش تەشكىلاتلىرى تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، پاش قىلىش تېلېفونى، پاش قىلىش خەت ساندۇقى، توردا پاش قىلىش، ئاشكارا – يوشۇرۇن ئەھۋال ئىگىلەش قاتارلىق نازارەت قىلىش ئۇسۇللىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش، يەپ – ئىچىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىش ۋە پۇل، سوۋغات، ئېلېكتىرونلۇق ئالدىن پۇل تۆلەش كارتىسى، ئېلېكتىرونلۇق سوۋغات بېلىتى قوبۇل قىلىش قاتارلىق ‹‹بايرام كېسىلى››نى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ تۈزەپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىرتلارغا چىقىشىنى مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى؛ قاتتىق تەلەپ قويۇپ، بەلگىلىمىلەرنى ئادىل ئىجرا قىلىپ، قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپ ئەھۋاللارنىڭ يىپ ئۇچىنى ۋاقتىدا بايقاپ، قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپ مەسىلىلەرنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. شامالغا قارشى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى بىرلىكتە بايقاپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ ۋە ئاشكارىلاپ، قەتئىي يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىقى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر