- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىش يىغىنى ئېچىلدى
2014.05.12 18:42 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بىلەن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە بىرلىشىپ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، توقۇمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا، ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولۇش يىغىنى ئاچتى. سىچۈەن، خېبېي، گۇيجۇ، نىڭشيا، شىنجاڭدىن ئىبارەت ئالتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاياللىرى بىلەن تيەنجىن، شەنشى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىندا قول ھۈنەرۋەنچىلىك، توقۇمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا، ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇردى. يىغىنغا قاتناشقۇچىلار بىر قانچە ئورۇنلارنىڭ «يىپ يىڭنە» ئاياللارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىش بازىسى، كارخانا، ھەمكارلىق كوپراتىپى ۋە توقۇمچىلىق سېخى ۋە كەشتىچى قۇشۇلغان، بازا، شىركەت ۋە دېھقان قۇشۇلغان ھەمكارلىق ئۇسۇللىرىنى كۆردى. تولۇقسىز مەلۇماتقا قارىغاندا، نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك ئاياللار قول ھۈنەرۋەنچىلىك توقۇمىچىلىق بازىسىدىن 5000ى بار ئىكەن، 50 مىڭغا يېقىن مەھەللە ۋە يېزا-كەنتتە 10 مىليونغا يېقىن ئايال قول ھۈنەرۋەنچىلىك، توقۇمچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر