باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

توردا دورا سېتىۋىلىش ئىستىمال كۆرسەتكۈچى ئېلان قىلىندى

2014.05.12 18:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا توردا دورا سېتىۋېلىش ئىستىمال كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلدى، توردا چەتئەللەرنىڭ دورىلىرىنى ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش پۈتۈنلەي ئىشەنچلىك ئەمەس، قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. توردا چەتئەللەرنىڭ راكقا قارشى رېتسېپ دورىلىرىنى ۋاكالىتەن ساتىمىز، دەپ داۋراڭ سالغۇچىلارنىڭ سېتىۋېلىش يوللىرى ئىنتايىن گۇمانلىق، دورىنىڭ راست -يالغانلىقى ۋە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ، مۇنتىزىم تور بېكەتلىرىنىڭ دورا دۇكانلىرىدا بۇنداق كەسىپ تەسىس قىلىنمىغان. يەرلىك دورا نازارەت تارماقلىرىنىڭ ئىلگىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان دېلو تەجرىبىلىرىگە قارىغاندا، توردا ۋاكالىتەن سېتىۋېلىنىغان چەتئەللەرنىڭ راكقا قارشى دورىلىرىنىڭ %75نىڭ ساختا دورا ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.

  يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: توردا دورا سېتىۋېلىشتا دورا نازارەت تارماقلىرى تارقاتقان «ئىنتىر تورىدا دورا سودىسى قىلىش مۇلازىمەت سالاھىيەتنامىسى» بولۇشى كېرەك. نۆۋەتتە، ئېلىمىزدە توردا قانۇنلۇق دورا سېتىش ئىجازىتىگە ئېرىشكەن لارنى پارچە دورا سېتىش كارخانىسىدىن 184ى بولۇپ، كونكىرىت تىزىملىكىنى بۇ ئىدارىنىڭ تور بېكىتىدىن تاپقىلى بولىدىكەن. ھېلىقىدەك مۇرەككەپ كېسەللىكلەرنى داۋالايدىغان ئەرزان، ئىمپورت قىلىنغان، يۇقىرى تېخنىكىلىق، ئاجايىپ ئۈنۈملۈك دورىلار ياكى «دورا بىلەن كېسەلنى مۇتلەق داۋالاپ ساقايتىمىز» دېگەنگە ئوخشاش مەزمۇنلاردىكى دورا ساتىدىغان تور بېكەتلىرىنىڭ قانۇنسىز تور بېكەتلىرى ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر