باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىقى ئىنتېر تورىدا لاتارىيە سېتىش قاتتىق باشقۇرۇلىدۇ دېدى

2014.05.12 18:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ يىللىق لاتارىيە سېتىش سوممىسى 300 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، ئىنتېر تورىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، توردا لاتارىيە سېتىش بىر قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

  مۇخبىرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، 2012-يىلى ئېلان قىلىنغان «لاتارىيە تارقىتىش، سېتىشنى باشقۇرۇش چارىسى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ لاتارىيە سېتىش ئەندىزىسىدە، بېكىتىلگەن دۇكانلاردا سېتىش، تېلېفوندا سېتىش، ئىنتېر تورىدا سېتىش، تاللا تېرمىنالىدا سېتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانسا بولىدىكەن.

  مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: گەرچە لاتارىيە سېتىش ئەندىزىسىدە بىر نەچچە تۈر بولسىمۇ، لېكىن كونكرېت يولغا قويۇشتىن بۇرۇن، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكۈزۈشى شەرت. بۇ مەسئۇل كىشى «ئىنتېر تورىدا لاتارىيە سېتىشنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»دە، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمەي تۇرۇپ، ھەر قانداق ئورۇننىڭ ئىنتېر تورىدا لاتارىيە سېتىشىغا بولمايدۇ دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر