- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


خۇا چۈنيىڭ:جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان دوستلۇقنى بۇزۇش قەستىگە قارشى تۇرىدۇ
2014.05.12 19:21 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 10-ماي مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىق ۋەزىيىتىنى بۇزۇش قەستىگە ئىزچىل قارشى تۇرىدۇ.
ئۇ مۇخبىرنىڭ 10-ماي بېرمادا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىندا جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى ئۈستىدە بايانات ئېلان قىلىندى.جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى مەسىلە ئەمەس. جۇڭگو ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىق ۋەزىيىتىنى بۇزۇش قەستىگە ئىزچىل قارشى تۇرىدۇ.
جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەر قايسى تەرەپلەر ھەرىكەت خىتابنامىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەزكۇر رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى بىرلىكتە قوغداشنى خالايدۇ. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەر قايسى تەرەپلەر ھەرىكەت خىتابنامىسىگە ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىپ ۋە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تىنچ مۇقىملىقى ۋە دېڭىز بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ئىجابىي تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر