باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، تەپەككۇردا يېڭىلىق يارىتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىشىغا، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2014.05.12 16:23         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ خېنەندە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، تەپەككۇردا يېڭىلىق يارىتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىشىغا، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جېڭجۇ، 10 – ماي تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خېنەندە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ئۆزگەرمىدى، مۇقىم ئاساستا ئىلگىرىلەشتەك خىزمەت ئاساسىي يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىم ئېشىش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، تەپەككۇردا يېڭىلىق يارىتىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. شى جىنپىڭ خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى گو گېڭماۋ، ئۆلكە باشلىقى شيې فۇجەننىڭ ھەمراھلىقىدا 9 – مايدىن 10 – مايغىچە كەيفېڭ، جېڭجۇ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، يېزا، كەنت، كارخانا، باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى، خەلقئارالىق قۇرۇقلۇق پورتىدا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  شى جىنپىڭ 9 – ماي چۈشتىن بۇرۇن لەنكاۋ ناھىيەسىدە ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېت بەنزىسىنىڭ تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى توغرىسىدىكى مەخسۇس دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا يېتەكچىلىك قىلغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋېيشى ناھىيەسىنىڭ جاڭشى بازىرىدا بازار، كەنت كادىرلىرى ۋە دېھقانلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يېزا، كەنتلەرنىڭ تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ پىكرى ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ ئارىلاپ سۆز قىستۇرۇپ پىكىرلىشىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى يولداشلار بىلەن خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىستىلنى تۇتۇپ، ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل››غا قارشى تۇرۇشتا مەركەزنىڭ بەلگىلەنگەن ھەرىكىتى بار، لېكىن جەزمەن تۈرلەرگە بۆلۈپ يېتەكچىلىك قىلىش، يۇقىرىدىن – تۆۋەنگىچە ئەينەن كۆچۈرۈپ كەلمەسلىك كېرەك. يېزا – بازارلار ئەمەلىي ئەھۋالنى چىقىش قىلىپ، ئىستىلنى ياخشىلاشنى پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش ۋە ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، تەرەققىيات ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشى كېرەك. ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشتە سەمىمىي بولۇش، شۇنداقلا خىزمەت ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئەمەلىي ئىش قىلىش جەريانىنى ئاممىغا تەشۋىق قىلىش ۋە ئاممىنى تەشكىللەش، ئاممىنى تەربىيەلەش جەريانىغا، كادىرلارنىڭ پاك – دىيانەتلىك، پاكىز ئىش قىلىش، ئامما ئارىسىدا ياخشى ئوبراز تىكلەش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنىڭ تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى پۇرسىتىنى قەدىرلەپ، ئۆگىنىشنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئىدىيە، سىياسىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، زىممىسىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئورۇندىشىنى ئۈمىد قىلدى. شى جىنپىڭ 9 – ماي چۈشتىن كېيىن كەيفېڭ شەھىرى ۋېيشى ناھىيەسى جاڭشى بازىرىنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئاشلىق ئېتىزىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى تەكشۈردى. شى جىنپىڭ ئېتىزغا بېرىپ، بۇغداي باشاقلىرىنىڭ دان تۇتۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي تەكشۈردى. شى جىنپىڭ مو بېشى باشاق سانىنى، باشاقتىكى دان سانىنى، داننىڭ ئېغىرلىقى قاتارلىق ئۆلچەملەرنىڭ ناھايىتى ياخشىلىقىنى، بۇ ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا نەچچە مىليون جىڭ ئاشلىقنى ئاشۇرۇپ ھوسۇل ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئۇقۇپ ناھايىتى خۇشال بولدى. ئۇ ئۇنىۋېرسال تېخنىكا تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشنى تاپىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئاشلىق بىخەتەرلىكى،‹‹يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار›› خىزمىتى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم ئاساسى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى بۇ خىزمەتنى يەنىمۇ چىڭ تۇتۇشى كېرەك. خېنەندە يېزا نوپۇسىدىكىلەر نىسبەتەن كۆپ، ‹‹يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار›› خىزمىتىنىڭ ۋەزىپىسى ئېغىر، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ ئەۋزەللىكنى، بۇ كوزىرنى ھەرقانداق ۋاقىتتا يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، مەملىكەت بويىچە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىكى يادرولۇق رايون بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ نىشان ۋە ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇنداش كېرەك. شى جىنپىڭ 10 – ماي چۈشتىن بۇرۇن، جېڭجۇدا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ جېڭجۇ شەھىرىنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرى، جېڭجۇ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى، جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرۇلۇش ئۈسكۈنىلىرى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنى تەكشۈردى. شى جىنپىڭ جىڭجۇ شەھىرىنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇپ بىر يىلغا يەتمەيلا، دۇنيادىكى 13 شەھەر بىلەن بىۋاسىتە تۇتىشىش، سودا ئىمپورت – ئېكسپورت قىممىتى 13 مىليارد يۈەندىن ئېشىش، 100دىن ئارتۇق شىركەتنى مالنى سىناپ بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئاڭلاپ، كۆزنەكتە ئىشلەۋاتقان خىزمەتچىلەر بىلەن بىر – بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ماللارنى تەقسىملەش، ئوراش – قاچىلاش، ئۆتكەلدىن ئۆتۈشتىكى تەكشۈرۈش تەرتىپلىرىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، ئۇلارنى ‹‹دۇنياغا مال سېتىش، دۇنيادىن مال سېتىۋېلىش›› نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇردى. شى جىنپىڭ جېڭجۇ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتىنىڭ تۆمۈر يول، تاشيول، ھاۋا يولى، سۇ قاتنىشى قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان، دۆلەتلىك تۆمۈر يول بىرىنچى دەرىجىلىك پورتى، كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە ترانسپورت مۇلازىمەت مەركىزى، جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز يۈك توشۇش مەركىزى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەشيا ئوبوروتى ئۇچۇر مەركىزى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ چېگرا ئىچى ۋە سىرتىنى تۇتاشتۇرغان، شەرق، ئوتتۇرا ۋە غەربنى قاپلىغان ئەشيا ئوبوروت يول تۈگۈنى قۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى. شى جىنپىڭ جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرۇلۇش ئۈسكۈنىلىرى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش قۇراشتۇرۇش سېخىدا مۇنداق دېدى: جابدۇق ياسىمىچىلىق كەسپى بىر دۆلەتنىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ تۈۋرۈكى، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ جابدۇق ياسىمىچىلىق كەسپىدە يەنە نۇرغۇن يېتەرسىزلىك مەۋجۇت، بىز سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، تەتقىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، دۇنيانىڭ ئەڭ يۇقىرى نۇقتىسىنى، تېخنىكا جەھەتتىكى سۆزلەش ھوقۇقىنى كونترول قىلىشنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، دۆلىتىمىزنى زامانىۋىلاشقان جابدۇق ياسىمىچىلىق كەسپى چوڭ دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. شى جىنپىڭ تەكشۈرۈشتە خېنەن ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، خېنەننىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۇردى. ئۇ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى كۈچەيتىش سىياسىتىنى زىچ چۆرىدەپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى ئاساس قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ئاساسىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئاساس قىلىپ، يېڭى ئەۋزەللىكلەرنى يېتىشتۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئەتى بولغان مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت، سەھىيە، ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، تېخىمۇ چوڭ ۋە كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقى ئېچىش بىلەن بىللە، خەلقنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرماقتا، بىز ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچ خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئادەتتىكىدەك پىسخىك ھالەتنى ساقلىشىمىز كېرەك. تاكتىكا جەھەتتە تۈرلۈك خەۋپ – خەتەرلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بالدۇر پىلانلاپ، سۇ كەلگۈچە توغان تۇتۇپ، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى دەل ۋاقتىدا قوللىنىپ، ئۇنىڭ سەلبىي تەسىرىنى ئامالنىڭ بارىچە ئازايتىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىشلاردا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا پۈتۈنلەي ئادەمنىڭ سۇبيېكتىپ تىرىشچانلىقىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. مۇرەككەپ، ئىجتىمائىي رېئاللىق ئالدىدا، پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار ئەخلاقىي تەربىيەنى كۈچەيتىشنى كىشىلىك ھاياتتىكى ئىنتايىن مۇھىم زۆرۈر ئوقۇشلۇق سۈپىتىدە قاراپ، ئۆزىگە قاتتىق ئۆلچەم قويۇپ، باشقىلارنىڭ قاتتىق ئۆلچىمىنى قوبۇل قىلىشنى قاتتىق ئۆلچەم قىلىپ، ئەخلاقنىڭ كۈچى ئارقىلىق تىرىشىپ ئەلنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىش، ئىشلاردا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەلىك كادىرلارغا بولغان تەربىيە، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئادەم تاللاش – ئىشلىتىش، ئەخلاقتىن ئىبارەت بۇ تارازىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى توغرا ئادەم بولۇش، ياۋاشلىق بىلەن ئىش قىلىش، پاك ئەمەلدار بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر