باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ گاۋلى رۇسىيەنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭلىسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2014.05.12 11:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭلىسى شۇۋالوف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  جاڭ گاۋلى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ تۈرتكىسىدە جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى بارغانسېرى ياخشى تەرەققىي قىلدى، زۇڭتۇڭ پۇتىن جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدۇ ھەمدە ئاسىيانىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى يىغىنى 4-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ شاڭخەيدىكى ئۇچرىشىشى جۇڭگو رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيەگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، بىزبۈگۈنكى سۆھبىتىمىزدە ئاساسلىقى مەبلەغ سېلىش ۋە ئۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ شاڭخەيدىكى ئۇچرىشىشى ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلدۇق.

  جاڭ گاۋلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكى بولغان جۇڭگو رۇسىيە بىلەن قوش يۆنۈلۈشلۈك مەبلەغ سېلىشنىڭ تېخمۇ تېز ۋە ياخشى ئېشىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ھاياتى كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

  شۇۋالوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ 5-ئايدا جۇڭگودا قىلىدىغان زىيارىتى رۇسىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيەگە يېتىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، رۇسىيە جۇڭگو بىلەن تەڭ تىرىشىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا ھازىرقى نەتىجىلەر ئاساسىدا ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودا، مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ھەمكارلىقىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر