باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە مەدەنىي ئورۇنلاردا پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتى كەڭ قانات يايدۇرۇلدى

2014.05.12 18:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بارلىق مەدەنىي ئورۇنلار جەمئىيەت، مەھەللە ۋە يېزا قاتارلىق ئاساسلىق سورۇنلاردا ھەرقايسىسى ئۆز ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەدەنىي پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتى، پەن تېخنىكا، مەدەنىيەت تەنتەربىيە، قانۇن، سەھىيە پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتى،ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، مېھرى شەپقەت يەتكۈزۈش پىدائىيلار مۇلازىمەت ھەرىكىتى، ئاممىۋىي تەرتىپ پىدائىيلار مۇلازىمىتى ھەرىكىتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە شەھەر يېزىلار پاكىز قۇرۇلۇش پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇپ، بىريۈرۈش ھەرىكەتلەر ئارقىلىق تۆھپە قوشۇش، غەمخورلۇق قىلىش، ئۆزئارا ياردەم قىلىش، تەرەققىياتتىن ئىبارەت پىدائىيلار روھىنى نۇرلاندۇردى.

  بېيجىڭ، لياۋنىڭ، خېبېي، سەنشى، گۇاڭدۇڭ، شىنجاڭ، خەينەن قاتارلىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى مەدەنىي ئورۇنلارنىڭ كونكرېت پائالىيەت لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، يولغا قويۇش پائالىيەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى ھەرىكىتى بىلەن مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش ، مەدەنىي ئورۇن بەرپا قىلىش پائالىيىتى ، بىزنىڭ بايرىمىمىز ئاساسى تېمىسىدىكى ئىللىقلىق، مېھرى شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتى قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، قىلالايدىغان، ئامما تەققاززا بولۇۋاتقان ئىشلاردىن تۇتۇپ قىلىپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنىڭ قاپلىنىش كۆلىمىنى تىرىشىپ كېڭەيتىپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنىڭ تەسىرى كۈچىنى ئاشۇردى.

  بارلىق ئامما ئومۇميۈزلۈك مەدەنىي ئورۇنلارنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيىتىدە ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رول ئوينىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى، مەدەنىي ئورۇنلار پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى مەدەنىيىتىنى تارقىتىپ، مەدەنىي ئورۇنلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشتىكى باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر