باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تور بېكەتلىرىدە پاراۋانلىق ئېلانى بېرىش قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ

2014.05.12 18:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا «پاراۋانلىق ئېلانىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»نىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىنى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىشقا باشلىدى. پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا مۇنۇلار بەلگىلەندى: پاراۋانلىق ئېلانىنىڭ مەزمۇنى بىلەن سودا ئېلانلىرىنىڭ مەزمۇنى ئوخشىمايدۇ، سودا ئېلانلىرى ئىچىدە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت مەزمۇنلىرى بولسا، پاراۋانلىق ئېلانىغا تەۋە بولمايدۇ. پاراۋانلىق ئېلانىدا تاۋار ياكى تاۋار مۇلازىمەت ئىسمى، تاۋار ماركىسى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ۋە تاۋار تەشۋىق قىلىش، سېتىش ياكى تاۋار مۇلازىمىتىگە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى بېرىش چەكلىنىدۇ.

  پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا، تاراتقۇ ئورۇنلىرى، ئاممىۋى سورۇنلاردا پاراۋانلىق ئېلانى بېرىش ھەققىدە بەلگىلىمە چىقىرىلدى، بۇ ئاساسلىقى-پاراۋانلىق ئېلانى ئەسلىھەلىرى ۋە بېرىش يوللىرىنى كۆپەيتىپ، پاراۋانلىق ئېلانىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر