باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆتكەن يىلى يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىغا 248مىليارد 600مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىندى

2014.05.04 09:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  18-قۇرۇلتايدىن بۇيان، قاتناش تىرانسپورت مىنستىرلىقى يېزا رايونلىرى، نامرات رايونلار، تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايونلارنىڭ قاتناش تەرەققىياتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، 2013-يىلى يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىغا 248مىليارد 600مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن 210مىڭ كىلومېتىر يېزا تاشيولى ياسىدى. قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرى ياڭ چۇەنتاڭ مۇنداق دېدى: قاتناشتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى ئېلىپ بېرىپ، دېھقانلارنى تېزدىن قالاق دەۋردىن قۇتۇلدۇرۇشىمىز كېرەك. دۇلۇڭ دەرياسى تاشيولىدىكى گاۋلى گۇڭشەن تونىل قۇرۇلۇشى مۇۋەپپىقىيەتلىك تۇتاشتۇرۇلدى. دۇلۇڭ قېرىنداشلارنىڭ ئەۋلادىمۇ-ئەۋلاد ھەر يىلنىڭ يېرىمى دېگۈدەك «قارلىقتا تاغدا ئايرىلىپ تۇرۇش» تارىخىغا شۇنىڭ بىلەن خاتىمە بېرىلدى. باي بولىمەن دېسەڭ ئالدى بىلەن يول ياسا دەيدىغان گەپ بار، بۇ سۆزنىڭ ھازىرغىچە ۋاقتى ئۆتمىدى. فۇجيەن ئۆلكىسى سەنمىڭ شەھىرى شاشيەن ناھىيەسى يەنكىڭ كەنتىدىكى دېھقانلار بۈگۈنكى كۈندە موتسىكلىت بىلەن ھەر تەرەپكە بېرىپ سودا قىلماقتا. راۋان يول ئۇلارنىڭ نامرات تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتتى. 10 يىلدىن بۇيان يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىدىن نەپ ئالغان جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمى 80مىليارد يۈەندىن ئاشتى. قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرى ياڭ چۇەنتاڭ مۇنداق دېدى: سەل قاراشقا بولمايدىغىنى شۇكى، ھازىر ئېلىمىزنىڭ يېزا تاشيول تەرەققىيات ئومۇمىي مىقدارى يەنىلا يېتىشمەيدۇ، يول تورى يەنە مۇكەممەل ئەمەس، بىخەتەرلىك كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، كەلگۈسىدە قاتناشتا نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق قەتئىي ياخشى ئېلىپ بېرىشمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر