باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

باش سېكرېتار شى جىنپىڭ خېبيېدىكى كادىر ۋە ئاممىغا جاۋاب خەت يازدى

2014.05.04 16:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ باۋدىڭ ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ غەربىي رايوندا مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىگە جاۋاب خەت يازغانلىقى خېبېي ئۆلكىسىدىكى كادىر ۋە ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك كەينى كەينىدىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ باۋدىڭ ئىنستىتۇتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار توپىغا نىسبەتەن ئىلھام ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈش بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ بەكرەك دەۋر روھىنى نۇرلاندۇرۇش. باۋدىڭ ئىنستىتۇتىنىڭ غەربىي رايوندا مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى لى گۈيجې باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى ئوقۇپ ئىنتايىن ھاياجانلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ بىزگە نىسبەتەن مۇئەييەنلەشتۈرۈش بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ بەكرەك دەۋر روھىغا بولغان مۇئەييەنلەشتۈرۈش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدا غەربىي رايون بولمىسا بولمايدۇ، مەن باش سېكرېتار شى جىنپىڭ ۋە بارلىق بىزگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كىشىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى: بىز غەربىي رايوندا كۆرەش قىلىۋاتقان ياشلىق باھارىمىزدىن پۇشايمان قىلمايمىز، ئانا مەكتىپىمىز، ۋەتىنىمىز بىزدىن خاتىرجەم بولسۇن، بىز خىزمەت ئورنىمىزدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، ئەڭ زور مېھرى مۇھەببىتىمىزنى غەربىي رايوندىكى يۇرتداشلارغا، چېگرا رايوندىكى بالىلارغا، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە تەقدىم قىلىمىز. بۇ بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر