باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ تۇنجى قېتىم ئافرىقىدىكى تۆت دۆلەتتە زىيارەتتە بولۇپ جۇڭگو ئافرىقا ھەمكارلىقىدا زور بوشلۇق ئاچتى

2014.05.04 16:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ 4-مايدىن 11-مايغىچە ئېفوپىيە، نىگېرىيە، ئەنگۇلا، كېنىيەدىن ئىبارەت تۆت دۆلەتتە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ. 5-ماي ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ باش ئورگىنىدا زىيارەتتە بولىدۇ، 8-ماي كىنىيەنىڭ پايتەختى ئابۇجادا ئۆتكۈزىلىدىغان 24-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىقتىسادىي مۇنبىرى ئافرىقا باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

  جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقا ئىشلىرى بويىچە سابىق ئالاھىدە ۋەكىلى ليۇ گۈيجىن مۇنداق دېدى: لى كېچياڭ بۇ قېتىم زىيارەتتە بولغان ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكى بار: ئېفوپىيە ھەم شەرقىي ئافرىقىدىكى مۇھىم دۆلەت ھەم ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ باش ئورگىنى تۇرۇشلۇق جاي، جۇڭگو بىلەن ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ئىگە، جۇڭگو ياردەم بېرىپ قۇرغان تەخمىنەن 110 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ئافرىقا ئىتتىپاقى خەلقئارا يىغىن مەركىزىمۇ شۇ يەردە. بۇ بەلگە خاراكتېرلىك ئىمارەتتە لى كېچياڭ نۇتۇق سۆزلەپ جۇڭگو ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ تارىخى ۋە كەلگۈسى تەرەققىيات ئىستىقبالىنى شەرھلەيدۇ.

  نىگېرىيە غەربىي ئافرىقىدىكى مۇھىم دۆلەت شۇنداقلا ئافرىقىدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ياخشى بولدى، دۇنيا ئىقتىسادىي مۇنبىرى ئافرىقا باشلىقلار يىغىنى بۇ جايدا ئېچىلىدۇ. بۇ لى كېچياڭنىڭ تۇنجى قېتىم ئافرىقا باشلىقلار يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىشى بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقى، ئىقتىسادى سىياسىتىنى شەرھلەيدۇ.

  ئەنگۇلا جەنۇبىي قىسىم ئافرىقىغا جايلاشقان، 2002-يىلىدىن باشلاپ ئۇرۇش ئوتىدىن ئەسلىگە كېلىپ قايتا قۇرۇلدى، جۇڭگونىڭ 100 مىڭدىن 200 مىڭغىچە ئادىمى ئەنگۇلادا قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئىقتىساد سودا قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

  كېنىيە شەرقىي ئافرىقىغا جايلاشقان بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاپپاراتى باش ئورگىنى تەسىس قىلىنغان بىردىن بىر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت. لى كېچياڭ بۇ جايدا جۇڭگو تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئافرىقىدىكى سەپىرىنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر