باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى جايلاردىكى ياشلار ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى

2014.05.04 16:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش سېكرىتار شى جىنپىڭنىڭ باۋدىڭ ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ غەربىي رايوندا مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىگە جاۋاب خەت يازغانلىقى جايلاردىكى ياشلار ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى.

  بېيجىڭ جۇڭگو تېبابەت دورا ئۇنىۋېرستېتى جۇڭگو تىبابىتى تاشقى كېسەللىكلەر كەسپىنىڭ ئاسپىرانتى سۈي مىڭدې مۇنداق دېدى: باش سېكرىتار شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئۆزۈمنىڭ ئاساسى قاتلام ۋە خەلق ئارىسىغا بېرىپ، تۆھپە يارىتىپ ئىگىلىك تىكلەش ئىرادەم تېخىمۇ چېڭىدى.

  شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى 15-نۆۋەتلىك ئاسپىرانتلار مائارىپغا ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان يەردە باش سېكرىتار شى جىنپىڭنىڭ باۋدىڭ ئىنستىتۇتىنى پۇتتۇرۇپ غەربىي رايون مائارىپىغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلىگە يازغان جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى كوللېكتىپ ئۈگەندى. مائارىپقا ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ياۋ چىن مۇنداق دېدى: بۇ باۋدىڭ ئىنستىتۇتىنى پۇتتۇرۇپ غەربىي رايوندا مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىگە مەدەت بېرىپلا قالماستىن، غەربىي قىسىمدىكى بارلىق ياش پىدائىيلارنى ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە تۈرتكە بولىدۇ.

  ئەمدىلا «جۇڭگو ياشلىرىنىڭ 4-ماي مېدالىغا ئېرىشكەن» خەينەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جاۋ خۇڭلياڭ مۇنداق دېدى: باش سېكرىتار شى جىنپىڭنىڭ باۋدىڭ ئىنستىتۇتىنى پۇتتۇرۇپ غەربىي رايون مائارىپىغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلىگە يازغان جاۋاب خېتى مېنىڭ داۋاملىق جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىنى قىلىش ئىرادەمنى تېخىمۇ چېڭتتى، ئۆزۈمنىڭ ياشلىقىمنى داۋاملىق خالىس تەقدىم قىلىمەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر شەھىرىدىكى سەنيۇۋ پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ليۇ يۇڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن بىز باش سېكرىتار شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، داۋاملىق ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن جەمئىيەتنىڭ سىڭىشىشىنى، چېگرا رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەت رايوننىڭ مۇقىملىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

  باۋدىڭ ئىنستىتۇتىنى پۇتتۇرۇپ شىزاڭ رىكازى ۋىلايىتى نەنمۇلىن ناھىيەسىدە مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان يۆ گاڭ مۇنداق دېدى: باش سېكرىتارنىڭ بىزگە جاۋاب خەت قايتۇرۇشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەربىي رايوندا مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان ئاممىغا بولغان غەمخورلۇقىنى گەۋدىلەندۈرۈپلا قالماستىن، غەربىي رايوندىكى مىللىي رايونلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان غەمخورلۇقى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىنى گەۋدىلەندۈردى.

  شەرقى شىمال نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىسى مان ۋىنلىڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئىزچىل غەربى قىسمنىڭ تەرەققىياتىغا، بولۇپمۇ مائارىپ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بولىۋاتىدۇ. مەن بۇنىڭدىن نەپ ئالغۇچى. مەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى ئىزچىل ئۇنتۇپ قالمىدىم ھەم مۇشۇ يىللاردا دۆلەت ئوقۇش مۇكاپاتى شۇنداقلا شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى تۇرمۇش تولۇقلىمىسىغا ئېرىشكەنلىگىمنى ئۇنتۇپ قالمىدىم. شۇڭا مەن يۇرتقا قايتىپ، ماڭا ئوخشاش مۇشۇنداق نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەربىيەگە ئىگە بولۇشىغا ياردەم قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر