- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبى رايونىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى
2014.05.05 14:32 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئۇكرائىنا ئارمىيە ۋە ساقچىلىرى 2-ماي ئەتىگەندە شەرقىي قىسىمدىكى سىلاۋىيانىسك شەھىرىگە ھۇجۇم قوزغىغاندىن كىيىن، ئۇكرائىنانىڭ جەنۇبىي قىسىمىدىكى پورت شەھىرى ئودىسادا شۇ كۈنى ھۆكۈمەتكە سادىق كىشىلەر بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئۆلۈم-يىتىم ئىشلىرى كۆرۈلدى. خەلقئارا جەمئىيەت ئۇكرائىنا كرىزىسىگە ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆزلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، كرىزىسىنى ھەل قىلىش مۇساپىسىغا دىپلوماتىك ۋە سۆزلىشىش يوللىرى ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.
باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇكرائىنا، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەمدە رۇسىيە پىرېزىدېنتىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، سىلاۋىيانىسك شەھىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان غەرب ئەللىرىنىڭ ھەربىي ئىشلارنى تەكشۈرگۈچى خادىملىرى قويۇپ بېرىلدى، ئۇلار ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دۇنىستىك شەھىرىگە ئىلىپ بېرىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر