باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لياۋنىڭدا شىتاتتىن ئارتۇق سەپلەنگەن 20 مىڭدىن ئارتۇق كادىر تەكشۈرۈپ چىقىلدى

2014.05.04 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: پۈتۈن لياۋنىڭ ئۆلكىسى بويىچە «لياۋ O» دىن باشلانغان نومۇر تاختىسى بىلەن رويخەتكە ئېلىنغان 16 مىڭ 650 ئاپتوموبىلنىڭ نومۇر تاختىسى پۇقراۋى نومۇر تاختىسىغا ئالماشتۇرۇلدى؛ پۈتۈن ئۆلكە بويىچە ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلاردا شىتاتى بار ئۆزى يوق 12 مىڭ 799 ئادەم ئېنىقلىنىپ، نۆۋەتتە 3281 ئادەم بىر تەرەپ قىلىندى. لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكوم ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تۈزىتىپ، ئۆلكە بويىچە «تۆت خاھىش» جەھەتتىكى مەسىلىگە ئالاقىدار 761 دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، قائىدە-ئىنتىزامغا خىلاپ 19 مىليون 590 مىڭ يۈەن پۇل قايتۇرۇۋېلىندى، 900 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي ئىنتىزام بويىچە چارە كۆرۈلدى، 295 كىشى ئەدلىيە ئورگانلىرىغا يوللاپ بېرىلدى.

  كادىرلارنى تاللاپ ئىشلىتىش ساھەسىدىكى مەسىلىلەرگە قارىتا، ئۆلكە بويىچە شىتاتتىن ئارتۇق سەپلەنگەن 26 مىڭ 272 نەپەر كادىر ئېنىقلاندى، نۆۋەتتە 4171 نەپەر ئادەم بىر تەرەپ قىلىندى؛ 1970 نەپەر رەھبىرىي كادىر كارخانىلاردا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇپ، نۆۋەتتە قائىدىگە خىلاپ ھالدا كارخانىلاردا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىگەن 1532 نەپەر كادىر تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى؛ 1187 نەپەر كادىرنىڭ ئارخىپى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈلۈپ، 743 نەپەر كىشىنىڭ «ياش، ئوقۇش-خىزمەت تارىخى ۋە سالاھىيەت» جەھەتلەردە مەسىلە بارلىقى بايقالدى، نۆۋەتتە ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنماقتا. (خې يۇڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر