باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان مەركەز ئاز دېگەندە 17 تۈرلۈك پاكلىق يېڭى بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلدى

2014.05.04 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى خەۋىرى: 18-قۇرۇلتاي چاقىرىلغاندىن بۇيانقى 17 ئاي ئىچىدە، مەركەز ئاز دېگەندىمۇ 17 تۈرلۈك پاكلىق يېڭى بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلدى. يېڭى بەلگىلىمىلەر جەملەنگەن «18-قۇرۇلتايدىن بۇيانقى پاكلىق يېڭى بەلگىلىمىلىرى» ناملىق كىتابچە يېقىندا رەسمىي نەشر قىلىندى. تۇنجى قېتىم بېسىلغان 25 مىڭ پارچە كىتابچە ھەرقايسى كىتابخانىلار تەرىپىدىن تالىشىپ زاكاز قىلىندى.

  32 فورماتلىق، 60 مىڭ خەتلىك، 101 بەتلىك كىتابچىنى قولىمىزغا ئالغاندا ئېغىرلىقىنى ھېس قىلالمايمىز، لېكىن ئۇنىڭ قىممىتى ئالتۇندىنمۇ يۇقىرى.

  «18-قۇرۇلتايدىن بۇيانقى پاكلىق يېڭى بەلگىلىمىلىرى» خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بولۇپ، 2012-يىلى 12-ئايدىن 2014-يىلى 3-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىكى مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان 17 تۈرلۈك پاكلىق يېڭى بەلگىلىمىسى كىرگۈزۈلگەن، كادىرلارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش، نەمۇنىلىك بىلەن باشلامچى بولۇشقا يېتەكلەش، ئىقتىسادقا قاتتىق رىئايە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش، ھۆكۈمەت ئىشى ئۈچۈن كۈتۈۋېلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت پۇلىغا سوۋغا تەقدىم قىلىشنى قاتتىق چەكلەش قاتارلىق بەش تەرەپ بويىچە تۈرگە ئايرىلغان.

  2012-يىلى 12-ئايدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇرۇسى «خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش توغرىسىدىكى سەككىز بەلگىلىمە»نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق كۆپلىگەن مەركىزىي دۆلەت ئورگانلىرى چوڭ جەھەتتىن كادىرلارنى تاللاپ ئىشلىتىش، ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۈچۈن كۈتۈۋېلىش، ئورگانلارنىڭ يىغىن خىراجىتى، كىچىك جەھەتتىن ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى چەكلەش، تەبرىك كارتىسى ئەۋەتىش، ساليوت سېتىۋېلىش-سوۋغا قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پاكلىق يېڭى بەلگىلىمىلىرىنى ئېلان قىلدى.(گو چۇنشيا خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر