باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھاۋامى: مارتىگۇسنىڭ باش مىنىستىر بولۇپ سايلىنىشى ئىناۋەتسىز دەپ جاكارلىدى

2014.05.06 08:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لىۋىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن باشلىقى ھاۋامى تۈنۈگۈن كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، بۈگۈن ئەتىگەندە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ئەخمەد مارتىگۇسنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت باش مىنىستىرلىقىغا سايلىنىشى ئىناۋەتسىز دەپ جاكارلىدى.

  ھاۋامى باياناتىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مارتىگۇس قانۇندا بەلگىلەنگەن بېلەت سانىغا ئېرىشمىدى، ھازىرقى زۇڭلى سانى قانۇنلۇق سايلامدا يېڭى زۇڭلى سايلاپ چىقۇلغىچە داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.

  لىۋىيە خەلق پارلامېنتى تۈنۈگۈن ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ئەخمەد مارتىگۇسنى لىۋىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرلىقىغا سايلىغان ھەمدە ئۇنى ئىككى ھەپتە ئىچىدە كابىنېت تەشكىللەشكە بۇيرۇغان ئىدى. مارتىگۇس ئارقىدىن خەلق پارلامېنتىدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر