باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بېقىشقا بەرگەن بالىلارنى خورلىغانلارنى جازالاش بەلگىلىمىسى چىقىرىدۇ

2014.05.05 16:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ «ئائىلىدە باقتۇرۇشنى باشقۇرۇش چارىسى»نىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدىن ئاشكارا پىكىر ئېلىنىشقا باشلىدى. پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا مۇنۇلار بەلگىلەندى: باققۇچى ئائىلىلەرنىڭ ئەزالىرى بېقىشقا بېرىلگەن بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىپ، جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى تۇغدۇرسا، قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ ئىشلىرى مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرسە، قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا بېقىشقا بېرىش شەرتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇنىڭدا 18 ياشقا توشمىغان، ۋەسىيلىك ھوقۇقى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىدا بولغان يېتىم-يېسىر، ئۆز ئاتا-ئانىسىنى تاپالماي تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقلار ۋە بالىلار بېقىۋېلىنسا بولىدۇ دەپ بەلگىلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر