- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شى جىنپىڭ شىنجاڭدا خىزمەت تەكشۈرگەندە مۇلايىملىق قاتتىق قوللۇق سالاپىتىنى نامايان قىلدى
2014.05.05 14:42 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يېقىندا دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بېرىپ تۆت كۈن خىزمەت تەكشۈردى. بۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا بېرىشى.ئۇنىڭ ئەڭ گۈزەل جاي يەنىلا بىزنىڭ شىنجاڭ دېگەن بىر ئېغىز سۆزىدە ھەقىقىي تۇيغۇسى نامايان قىلىنغاچقا،بۇ زېمىنغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، قىزغىن سۆيىدىغان نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى بىردىنلا تەسىرلەندۈردى.
شى جىنپىڭ شىنجاڭدا خىزمەت تەكشۈرگەندە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىدە پۇقرالارنىڭ ساداسىغا قۇلاق سالدى؛ مەكتەپلەرگە بېرىپ قوش تىل مائارىپىنى سورىدى؛ھەربىي تەلىم مەيدانىدا ھەربىيلەرنىڭ مەشىقىنى كۆردى. ھەم شىنجاڭنىڭ ھەممە نەرسە تولۇق ياخشى جاي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ھەم زوراۋان تېررورچى ئۇنسۇرلارنى قاتتىق جازالاش ھەققىدە يوليورۇق بېرىپ، خەلققە مۇلايىم ،قاتتىق قول سالاپىتىنى نامايان قىلىپ، تورداشلارنىڭ بىردەك تەرىپلىشىگە ئېرىشتى. مۇلايىملىقى خەلققە كۆڭۈل بۆلۈش،ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش، خەلق بىلەن مەڭگۈ بىرگە بولۇشتا گەۋدىلىنىدۇ.
شى جىنپىڭ مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قانداق بىر يېرىدە خىزمەت تەكشۈرگەندە پۇقرالارنىڭ ئائىلىسىگە بېرىشنى ياقتۇرىدۇ. بۇ قېتىم شىنجاڭغا بارغاندا دېھقان ئابدۇقېيوم روزىنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ، خۇشال ھالدا دوپپا كىيىپ كىشى قەلبىدىن مەڭگۈ چىقمايدىغان ئەسلىمە قالدۇردى.
مۇلايىملىقى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئائىلىسى، ئىتتىپاقلىق رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ سەپىرىدىكى يەنە بىر ئاچقۇچلۇق سۆز. رەئىس شى جىنپىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بەيتۇل مەمۇر مەسچىتىگە بېرىپ، شىنجاڭدىكى دېنى ساھە زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى؛ شىنجاڭدىكى بارلىق دىنىي زاتلارنىڭ ۋەتەننى خەلقنى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، بايرىقى روشەن بولغان ھالدا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيىلەرگە قارشى تۇرۇپ، ئىلمىي تەبلىغ قىلىش ئارقىلىق،دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى بارلىق ئاممىنى دىنىي ئەقىدىلەرنى توغرا چۈشىنىشكە يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
مۇلايىملىققا سېلىشتۇرما بولغىنى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە چېتىشىدىغان تېررورلۇق، زوراۋانلىققا قارىشى تۇرۇش مەسىلىسىدە رەئىس شى جىنپىڭ قاتتىق قوللۇق ئوبرازىنى نامايان قىلدى.
خەلق ئارمىيىسى،جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچى ئورۇنلىرى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى خۇددى ئۈچ خەنجەردەك شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى مۇقىملىقىنى قوغدىماقتا.شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۆرۈشىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىكلىكى، مۇرەككەپلىكى،ئۆتكۈرلۈكىنى چوڭقۇر تونۇپ، زوراۋانلىق تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى ئازراقمۇ بوشاشتۇرۇپ قويماي، جەزمەن كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، زوراۋان تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىش لازىم.
شىنجاڭنى قانداق ئىدارە قىلىش ھەققىدە رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق جاۋاب بەردى: زوراۋان تېررورچى ئۇنسۇرلارغا قارىتا بىز قىلچە ئىككىلەنمەستىن قاتتىق قول ئىستىلنى نامايان قىلىشىمىز لازىم.خەلققە مۇئامىلە قىلىشتا قەلبىمىزدىن مەڭگۈ مۇلايىم بولىشىمىز كېرەك. بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئېيتقاندا قاتتىق قوللۇق بىلەن مۇلايىملىق ئايرىغىلى بولمايدىغان ئىككى تەرەپ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر