باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز قوللانما تارقىتىلىدۇ

2014.05.04 16:31         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى يېقىندا ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ 2014 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدىكى قىزىق نۇقتىلارغا جاۋاب›› دېگەن قوللانمىنى تۈزگەن، بۇ قوللانما ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىمتىھانغا ئالاقىدار كىشىلەرگە ھەقسىز تارقىتىلىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىمچە، قوللانمىغا ‹‹ئالاقىدار سىياسەت ۋە قانۇن – نىزاملار››، ‹‹تىزىملىتىش، سىياسىي تەكشۈرۈش ۋە سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش››، ‹‹ئىمتىھان خىزمىتى››، ‹‹مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قائىدىسى››، ‹‹ئارزۇ تولدۇرۇش››، ‹‹ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى››، ‹‹ئالاھىدە كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش››، ‹‹فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى››دىن ئىبارەت سەككىز مۇھىم نۇقتىغا مۇناسىۋەتلىك 113 مەزمۇن كىرگۈزۈلگەن ئىكەن.

  ئىگىلىشىمچە، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ 2014 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدىكى قىزىق نۇقتىلارغا جاۋاب›› قوللانمىسى ھەقسىز تارقىتىلىدىغان بولغاچقا، كىتابخانىلارغا سېلىنمايدىكەن، ئوقۇغۇچىلار مەكتىپىدىن ئالالايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر