باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ شىنجاڭدىكى قىسىملارنى تەكشۈرگەندە، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ياخشى قوغداشنى تەكىتلىدى

2014.05.05 14:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 27-ئاپرېل ۋە 29-ئاپرېل شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنى يوقلاپ ھال سورىدى ھەم تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاياتى، مال مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئازادلىق ئارمىيەنىڭ بارلىق كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى زاپاس قىسمىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، قىسىمنى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مەجبۇرىيەت، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا مۇستەھكەم، كۈچلۈك تىرەك ھازىرلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.

  شى جىنپىڭ 27-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە، قەشقەرگە بېرىپ، سەپەردە ھېرىپ قالغىنىغا قارىماي، ماشىنا بىلەن قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ مەلۇم قىسمى ئالاھىدە ھەرىكەت ئوتتۇرا ئەترىتىگە بېرىپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى يوقلاپ ھال سورىدى. شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئەترەت شەرەپ ئىشخانىسىدا، ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىش كۈرىشى ئەھۋالىنى ئاڭلىدى، كۆپچىلىكنى مەسئۇلىيىتىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، تۇيۇقسىز ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىشنى مەركەز قىلغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي ئورۇنلاپ، ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن تۆھپە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

  شى جىنپىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت ئوتتۇرا ئەترىتىدىن ئايرىلىپ، ماشىنا بىلەن شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىسمى مىللىي 6-روتىسىغا باردى. بۇ روتا 1990-يىلى زوراۋانلىقنى تىنچىتىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشتىكى نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغانلىقتىن، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى تەرىپىدىن «ۋەتەننى قوغداشتىكى قەھرىمان روتا» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن ئىدى.

  شى جىنپىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئورگىنىدا، ھەربىي رايون ئورگىنىنىڭ كادىرلىرى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىدە تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ پولىكتىن يۇقىرى رەھبىرى كادىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەققىدە قىسىم مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى شىنجاڭ، غەربىي شىمال شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك. جەنۇبىي شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملار دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇقنى راۋاجلاندۇرۇش يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، زىممىسىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى تونۇپ، مەجبۇرىيەتنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئۈستىگە ئېلىپ، ئومۇمىي بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، يەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە پائال ماسلىشىپ، تېررورلۇققا قەتئىي زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق كۈچلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، زوراۋان تېررورچىلارنىڭ نوخلىسىنى قەتئىي ئېلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇۋىسىنى قەتئىي ۋەيران قىلىپ، بۇنىڭ يامراپ كېتىشىنى قەتئىي توسۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ قىسىملارنىڭ ئەمەلىي كۈرەش مەشىقىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. شى جىنپىڭ 29-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن، يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماي، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئۇنىۋېرسال مەشىق مەيدانىغا بېرىپ، بىر قىسىم ئوت ئېچىش، راست ئوق بىلەن قارىغا ئېتىش، ئالاھىدە ئۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى قاتارلىق ئەمەلىي كۈرەش مەشىق تۈرلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.

  شى جىنپىڭ شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە دىۋىزىيەسىدە، ھەربىي رايون ئورگىنىنىڭ باشقارمىدىن يۇقىرى كادىرلىرى ۋە ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ دىۋىزىيەدىن يۇقىرى رەھبىرى كادىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى. بۇ قىسىمنىڭ تەكتى شەنشى، گەنسۇ چېگرا رايونى ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىدا قۇرۇلغان قىزىل ئارمىيە قىسمى بولۇپ، ئىنقىلابىي كۈرەش يىللىرى ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش مەزگىلىدە نۇرغۇن خىزمەت كۆرسەتكەن.

  شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، شىنجاڭ ھەربىي رايونى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى قۇرۇلۇش تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھەم قىسىمدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ جاپادىن قورقماي، ۋەتەننى قوغداپ، چېگرا رايوننى مۇقىملاشتۇرۇشقا تۆھپە قوشۇش روھىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇملۇقىغا، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ھەققىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەل قىلغۇچ تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، گۈللەندۈرۈش، چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشتىكى مەجبۇرىيەت ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا ئاڭلىق يىلتىز تارتىپ، شىنجاڭنى قوغداپ، شىنجاڭنى ياخشى قۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن مۇقەددەس مەجبۇرىيەتنى ھەقىقىي ئادا قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر