- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭدا 350 ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپكە ‹‹كۆچمە ئاشخانا›› سەپلەندى
2014.05.04 16:30 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە ، نۆۋەتتە شىنجاڭدا 20 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلىپ ، جەنۇبىي – شىمالىي شىنجاڭدىكى چەت ، يىراق دېھقانچىلىق – چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى 350 ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپكە سىناق تەرىقىسىدە ‹‹كۆچمە ئاشخانا›› سەپلەپ بېرىلگەن .
ئىگىلىنىشىچە ، يېزىلاردىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىدا ئاشخانا كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش ئۈچۈن ، 2013–يىلىدىن باشلاپ ، مائارىپ نازارىتى كۆچمە ئاشخانىنى سىناق نۇقتىلاردا ئىشلىتىشكە باشلىغان . ‹‹كۆچمە ئاشخانا›› ئىشلىتىلگەندىن بېرى يەرلىك ئاشخانا قۇرۇلۇشى تەننەرخى تېجىپلىپلا قالماستىن ، يەنە يېزىلاردىكى كىچىك دائىرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ‹‹ئىسسىق تاماق يېيەلمەسلىك ، ئىسسىق شورپا ئىچەلمەسلىك ›› مەسىلىسى ھەل بولغان . ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى مەۋلۇت مەنسۇرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، بۇ يىل مائارىپ نازارىتى كۆچمە ئاشخانىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى يەنە داۋاملىق كېڭەيتىپ ، تېخىمۇ كۆپ چەت ، يىراق دېھقانچىلىق–چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى بالىلارنى بۇ سىياسەتتىن بەھرىمەن قىلىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر