باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭنىڭ ئۆزى تۇرىدىغان ئۆينى تۆۋەن باھا سېتىشى قىسقا مەزگىللىك سىياسەت ئەمەس

2014.05.08 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4-ئاينىڭ ئاخىرى 5-ئاينىڭ باشلىرىدا، بېيجىڭدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۆزى تۇرىدىغان تاۋار ئۆي تۈرىنى توردا ئىلتىماس قىلىپ سېتىۋېلىش باشلاندى. ھازىرغىچە، بېيجىڭدا 9 ئۆزى تۇرىدىغان ئۆي تۈرى بازارغا سېلىنىپ، تەمىنلىنىدىغان ئۆي تەخمىنەن 15 مىڭ يۈرۈشكە يەتتى. بۇ بېيجىڭ بۇلتۇرنىڭ كېيىنكى يىرىمىدا يولغا قويغان ئۆي-مۈلۈك كەسپىنى تەڭشەش-تىزگىنلەشتىكى يېڭى تەدبىر بولۇپ، ئۆزى ئولتۇرىدىغان تاۋار ئۆيلەر تېخى چەك تارتىپ سېتىۋېلىش باسقۇچىغا كىرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىككى يىلدا ئەتراپتىكى ئۆي باھاسىدىن %30 تۆۋەن باھادا 70 مىڭ يۈرۈش ئۆي بىلەن تەمىنلەش پىلانىنىڭ شۇ يەردىكى ئۆي-زېمىن بازارىغا بولغان تەسىرى ئاللىبۇرۇن كۆرۈلدى.

  بۇ سىياسەتنىڭ ئەمەلىي تۇرالغۇغا ئېھتىياج بار بولسىمۇ، لېكىن كاپالەتلىك تۇرالغۇ شەرتىگىمۇ، ئادەتتىكى تاۋار ئۆينى سېتىۋېلىشقىمۇ قۇربى يەتمەي «ئىككى ئارىدا قالغان» ئائىلەرگە قارىتىلغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق.

  بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئۆزى تۇرىدىغان تاۋار ئۆي ‐‐ ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرى «ئۆي باھاسىغا چەك قويۇش، تۆۋەن باھادا رىقابەتلىشىش» قاتارلىق ھەقلىق ئېرىشىش ئۇسۇللىرىدا يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىرىشىپ، سېتىش ئوبيېكتىغا، سېتىش باھاسىغا چەك قويۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئاھالىلەرنىڭ ئۆزى ئولتۇرۇش، تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان تاۋار ئۆينى كۆرسىتىدۇ. بۇ تۈردە كۆلىمى 90 كىۋادرات مېتىردىن تۆۋەن ئۆيلەر ئاساس قىلىنىدۇ، ئوتتۇرىچە سېتىلىش باھاسى ئوخشاش جاي، ئوخشاش سۈپەتتىكى تاۋار ئۆيلەرنىڭكىدىن تەخمىنەن %30 تۆۋەن بولىدۇ. (يۈ رۇڭخۇا خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر