باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى ئاچتى

2014.05.08 15:53         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىغىندا شىنجاڭنىڭ چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش يىرىك پىلانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش چارىسى قاتارلىقلار قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى

  فېڭ جىن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 7 – ماي چۈشتىن بۇرۇن پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى ئېچىپ، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى <چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش 2017 – ~ 2013 – يىللىق خىزمەت يىرىك پىلانى>نى يولغا قويۇش چارىسى›› قاتارلىقلارنى قاراپ چىقتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

  يىغىندا ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى <چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش 2017 – ~ 2013 – يىللىق خىزمەت يىرىك پىلانى>نى يولغا قويۇش چارىسى›› قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق كۆرسەتتى: جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار پارتكومى (پارتگۇرۇپپىسى) پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەزىپىنى بۆلۈشۈپ چىڭ تۇتۇپ، چىرىكلىكنى جازالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېما قۇرۇلۇشىنى تۈرلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، مەسئۇلىيەت سۇبيېكتىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كونكرېت نىشان بەلگىلەپ، خىزمەت ئۆلچىمىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈشى كېرەك. تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگىنى، جامائەت مۇلازىمىتى كەسىپلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، دۆلەت پاي كونترول كارخانىسى قاتارلىق تارماق، ئورۇنلارنى چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى بىلەن پۈتۈنلەي قاپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. بىر تۇتاش پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپىگە ئاساسەن، رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت تۈزۈلمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈشى كېرەك. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى تەكشۈرۈش چارىسىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، ئىلمىي، قېلىپلاشقان تەكشۈرۈپ باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى بۆلۈش، تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىش، ئەكسىچە تەكشۈرۈپ سۈرۈشتۈرۈش مۇكەممەل زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى ھەر بىر كىشىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

  يىغىندا ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىدىكى ئىلغار كەنت(مەھەللە) بەرپا قىلىش پائالىيىتى توغرىسىدىكى پىكرى›› ۋە ‹‹ئاپتونوم رايون دىن ساھەسىدە <قوش بەشتە ياخشى>نى بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى›› قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ئومۇمىيەت ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دىنىي ئىناقلىقنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى ۋە رېئال تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى ۋە دىن ئىناقلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە دىن سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى ۋە دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلىشى كېرەك.

  ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىدىكى ئىلغار كەنت(مەھەللە) بەرپا قىلىش پائالىيىتى ۋە ‹‹بەشتە ياخشى دىنىي پائالىيەت سورۇنى›› بەرپا قىلىش، ‹‹بەشتە ياخشى دىنىي زات››نى بارلىققا كەلتۈرۈش پائالىيىتى بىلەن ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۈچ يىلغىچە ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشلىرىدا يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشىپ، ئاپتونوم رايون دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش؛ ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى ئاساسىي قاتلامغىچە، ھەر بىر كىشىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش. دىن ساھەسىدىكى ‹‹قوش بەشتە ياخشى››نى بەرپا قىلىش پائالىيىتى ئارقىلىق، ھەر بىر دىنىي پائالىيەت سورۇنى، ھەر بىر دىنىي زاتقىچە پۈتۈنلەي قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىنلارنى ئىخچاملاش ۋە قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك

  يىغىندا يەنە ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ <پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تېجەشلىك بولۇشنى يولغا قويۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش نىزامى>نى يولغا قويۇش چارىسى›› قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك يىغىنلارنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى›› مۇزاكىرە قىلىندى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك يىغىن خىراجىتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، يىغىنلارنى ئىخچاملاپ ۋە قاتتىق كونترول قىلىپ، ئاچمىسىمۇ بولىدىغان يىغىنلارنى ئاچماسلىق، سىن يىغىنى ئېچىشقا بولسا نەق مەيدان يىغىنى ئاچماسلىق. يىغىن ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يىغىن چىقىمىنى تېجەپ، يىغىن تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، يىغىن ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاش كېرەك. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك.

  نۇر بەكرى، شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، خەن يۇڭ، ليۇ لېي، شەۋكەت ئىمىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر