باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تايلاندنىڭ قارانچۇق زۇڭلىسى يىڭلاك ئاساسىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

2014.05.08 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ماي باڭكوكدىن بەرگەن خەۋىرى: تايلاند ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى 7-ماي كېسىم چىقىرىپ، قارانچۇق زۇڭلى يىڭلاڭ 2011-يىلى دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى خەۋېننى ۋەزىپىسىدىن ئېلىۋېتىش ئىشىدا ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، ئاساسىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان دەپ قاراپ، قارانچۇق زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى. شۇ كۈنى، قارانچۇق كابىنېت مۇئاۋىن زۇڭلى قوشۇمچە سودا ئىشلىرى مىنىستىرى نىۋاتتۇمرۇڭنى يېڭى قارانچۇق زۇڭلى قىلىپ كۆرسەتتى. شۇ كۈنى سوت مەھكىمسى ئەينى يىلىدىكى تەڭشەشكە قاتناشقان 9 نەپەر قارانچۇق ھۆكۈمەت ئەزاسىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە مۇئاۋىن زۇڭلى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سۇراپۇڭ، مۇئاۋىن زۇڭلى قوشۇمچە مالىيە مىنىستىرى جىدىلە، مۇئاۋىن زۇڭلى پراچا، ئەمگەك مىنىستىرى چالېر قاتارلىقلار بار. سوت مەھكىمسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يىڭلاڭنىڭ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ خەۋېننى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىشىدا باشقا مەقسىتى بار، چۈنكى ئۇ ئۆز تۇغقىنىغا پايدا ئۈندۈرۈپ بەرمەكچى بولغان، پايدا-مەنپەئەت توقۇنۇشى مەۋجۇت، شۇڭا بۇ «قانۇنغا، ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ ھەمدە ئەخلاققىمۇ مۇخالىپ» قىلمىش ھېسابلىنىدۇ. سوت مەھكىمسىنىڭ ھۆكۈمنامىسىدە: ئىچكى كابېنتنىڭ باشقا ئەزالىرى يېڭى بىر نۆۋەتلىك سايلامدا يېڭى ھۆكۈمەت ۋۇجۇدقا كەلگۈچە داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىسە بولىدۇ دېيىلدى. سوت مەھكىمىسى يەنە 7 كۈن ئىچىدە يېڭى زۇڭلى سايلاش ھوقۇقى يوقلۇقىنى بىلدۈردى. (جاڭ چۈنشياۋ، ياڭ يۈنيەن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر