باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

زورۋانلىق، تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك ــ 5

2014.05.09 09:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۈگۈن نەشىردىن چىققان خەلق گېزىتىدە« زورۋانلىق، تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك ــ يولداش شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنەيلى ۋە ئىزچىللاشتۇرايلى» دېگەن تېمىدا ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇھىم سۆز قىلىپ: زوراۋان تېررورچىلارنىڭ نۇخۇلىسىنى ئېلىش كېرەك دەپ تەكىتلەپ، زورۋانلىق ھەرىكەتلىرگە قەئتىي يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىق، مۇرەسسە قىلماسلىقتەك روشەن پوزىتسىيەسىنى بىلدۈردى، قانۇننىڭ ئىززىتىنى قوغداش، خەلق بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

  ماقالىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىشتە ھادىسىدىنمۇ، ماھايەتتىنمۇ تۈزەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى قىلىش كېرەك، بىر تەرەپتىن قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قاتتىق زەربە بېرىش ھالىتىنى ساقلاش، يەنە بىر جەھەتتىن پۈتۈن جەمئىيەتتە ئومۇميۈزلۈك تۈزەپ ئالدىنى ئېلىپ، ھەممە يەرنى قاپلىغان بىخەتەرلىك قالقىنىنى ھاسىل قىلش كېرەك، باشتىن ئاخىرى كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، خەتەر ئېڭىمىزنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ ۋە زەربە بەرگەندىلا شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كېلىچىكىنى يارىتالايمىز.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر