- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئاق ساراي رۇسىيەگە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى
2014.05.09 10:44 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا ئاق ساراي 7-ماي پارلامېنتنىڭ رۇسىيىگە ئېتىبار بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى، ئەگەر بۇ تەستىقلىنىپ قالىدىغان بولسا، بۇندىن كىيىن رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىدىغان نەچچە مىڭ تۈرلۈك تاۋارلىرىغا تاموژنا جەھەتتىن ئېتىبار بېرىلمەيدۇ.
ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىگە ئارىلىشىشنى باھانە قىلىپ رۇسىيىەگە قارىتا رۇسىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ مال-مۈلۈكىنى توڭلىتىش ۋە ۋىزا بېجىرىشكە چەك قويۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار جازالاش تەبىرىنى قوللاندى.
ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ئېتىبار بېرىش تۈرىدە رۇسىيىدىن قىممىتى 296 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كېلىدىغان تاۋارنى ئىمپورت قىلغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر