باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىلىپپىن تۇتىۋالغان جۇڭگولۇق 11 بېلىقچىنى پرىنسېسا پورتىغا ئىلىپ بارغانلىقىنى ئېيتتى

2014.05.09 10:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىلىپپىن ھۆكۈمەت تەرەپ 8-ماي چۈشتىن بۇرۇن مۇنداق دېدى: نەنشا تاقىم ئاراللىرىغا يېقىن دېڭىز ساھىلىدا فىلىپپىن دېڭىز ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنغان جۇڭگولۇق 11 بېلىقچى فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدىكى پالاۋان ئۆلكىسىنىڭ پرىنسېسا پورت شەھىرىگە ئېلىپ بېرىلدى.

  جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ 7-ماي قەرەرلىك ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو بەنيوجۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەنشا تاقىم ئاراللىرىغا ۋە ئۇنىڭغا يېقىن دېڭىز ساھىلىگە مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە. ئۇ مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ دېڭىز ساقچىلىرى ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇنغا يېتىپ باردى، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە جۇڭگونىڭ فىلىپپىندە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تۇنجى ۋاقىتتا فىلىپپىن تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، فىلىپپىن تەرەپنىڭ بۇنىڭغا مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈش بېرىشىنى ھەمدە ئادەملەرنى ۋە كېمىنى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىزمۇ فىلىپپىن تەرەپنى ھەر قانداق ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىنى قوللانماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر