- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


رۇسىيە: ئۇكرائىنا قىرىمنى تاتلىق سۇ بىلەن تەمىنلەشنى تەل-تۆكۈس توختاتتى
2014.05.09 10:43 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە ئاۋازىنىڭ 7-ماي رۇسىيە تاسىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە: ئۇكرائىنا شىمالىي قىرىم دەرياسىنى قۇم خالتىلا بىلەن توسۇپ، قىرىمنى تاتلىق سۇ بىلەن تەمىنلەشنى تەل-تۆكۈس ئۈزۈپ تاشلىغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قىرىم رۇسىيەگە قوشۇلغاندىن كىيىن، ئۇكرائىنا تەرەپ 4-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ شىمالىي قىرىم دەرياسىدىن تاتلىق سۇ بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمىنى ئازايتقان. 4-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۇكرائىنا دەريانى پۈتۈنلەي توسقان.
پۇقرالارنى ئىچىملىك سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قىرىم بىر نەچچە ئاي ئىچىدە 36 قۇدۇق كولاشنى پىلانلىغان. ھۆكۈمەت، مۇستەقىل سۇ مەنبىينى ئېچىپ يېرىم ئارالدىكى كۆپ قىسىم ئاھالىلەرنىڭ ئىچىملىك سۇغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر