باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ئۆسمەكتە

2014.05.09 10:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەر شارى كەسىپداش بانكا پۇل مۇلازىمەت تېلېگراف جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ يېڭى بىر مەزگىلدىكى يەر شارى پۇل چىقىم قىلىش رەت تەرتىپىدە، خەلق پۇلى 7-ئورۇندا تۇرۇپ، ئۇدا 5-ئاي ئالدىنقى ئون ئورۇنغا كىردى. ئۆتكەن ئۈچ يىلدا، خەلق پۇلى 22 خىل پۇلدىن ئېشىپ، بىراقلا يەر شارىدىكى ئالدىنقى ئون چوڭ چىقىم قىلىنىدىغان پۇل قاتارىغا كىردى.

  يەر شارى كەسىپداش بانكا پۇل مۇلازىمەت تېلېگراف جەمئىيىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خەلق پۇلىنىڭ سىرتقا راسچوت قىلىنىش مىقدارى زور كۆلەمدە ئېشىپ، خەلق پۇلى يەر شارىدىكى چىقىم قىلىنىدىغان پۇللار ئىچىدە 7-ئورۇنغا ئۆتكەن. بۇ-يېقىنقى مەزگىلدە ئېلىمىزنىڭ تىزگىنلەشنى بوشىتىش، خەلق پۇلى بىلەن سودىغا مەبلەغ سېلىشنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن سىياسەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بىر نەچچە كۈن بۇرۇن، دۆلەتلىك تاشقى پېرېۋوت ئىدارىسى دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ بەلگىلەنگەن سىرتقا قەرز بېرىش سوممىسى دائىرىسىدە، دۆلەت ئىچى، خەلقئارا ھېسابات مەبلىغىنى ئەركىن يۆتكىشىگە رۇخسەت قىلىپ، كارخانىنىڭ ئىچىدە مەبلەغنى تەڭشەشكە قولايلىق ياراتتى.

  بۇندىن بۇرۇن، دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر جۇڭگودا ئالغان پايدىسىنى باش ئورگانغا قايتۇرماقچى بولسا، ئالدى بىلەن خەلق پۇلىنى چەتئەل پۇلىغا ئايرىباشلاش ھەم يەنە دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى ئاساسىي گەۋدە سالاھىيىتىنىڭ چەكلىمىسى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ قاتمۇ-قات تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈشكە توغرا كېلەتتى، بۇنىڭ بىلەن رەسمىيەت مۇرەككەپلىشىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئومۇمىي ساندىن زىيان تارتاتتى. پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنىڭ تېزلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، بۈگۈنكى كۈندە، خەلق پۇلى تېخىمۇ ئەركىن ھالدا دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ دۆلەت ئىچى بىلەن خەلقئارا ھېساباتى ئارىسىدا يۆتكىلىپ تۇرىدىغان بولدى، بۇنىڭ بىلەن كارخانىلارنىڭ ئىچكى مەبلىغىنى يەر شارىدا تەڭشەپ ئىشلىتىشىگە قولايلىق يارىتىلدى شۇنداقلا دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر خەلق پۇلىنى ئۆزىنىڭ يەر شارى نەقپۇل باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرگۈزەلەيدىغان بولدى.

  نۆۋەتتە، چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى كەسپى دائىملىق تۈرلەردە راسچوت قىلىش، دەسمايە تۈرىدە راسچوت قىلىش، خەلقئارا سودىدا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، چېگرا ھالقىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، سىرتقا كېپىللىك بېرىش، نەقپۇل باشقۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن كەسىپ ساھەلىرىنى قاپلىدى.

  جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشى ۋە خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ نىسبەتەن مۇقىم بولۇشى-بارغانسېرى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنى خەلق پۇلىنى ئۆز دۆلىتىنىڭ زاپىسىغا كىرگۈزۈشكە جەلپ قىلدى. بۇلتۇر بىر يىلدىلا، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى، ئىنگلاند بانكىسى قاتارلىق بەش چەتئەل پۇل مۇئامىلە ئورگىنى بىلەن جۇڭگو خەلق بانكىسى ئىككى تەرەپلىك ئۆز پۇللىرىنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئومۇمىي سوممىسى 752 مىليارد يۈەنگە يەتتى، سىنگاپور پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق ئۈچ چەتئەل پۇل مۇئامىلە ئورگىنى خەلق بانكىسى بىلەن 403 مىليارد 500 مىليون يۈەنلىك پۇلنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر