نىگېرىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 7-ماي ئابۇجادا 24-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى ئافرىقا ئۇچرىشىشى ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقان بېنىن زۇڭتۇڭى يايى بىلەن كۆرۈشتى
شىنخۇا تورى ، ئابۇجا ، 7-ماي تېلېگراممىسى : نىگېرىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 7-ماي ئابۇجادا 24-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى ئافرىقا ئۇچرىشىشى ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقان تانزانىيە زۇڭتۇڭى كىلۋېت ۋە بېنىن زۇڭتۇڭى يايى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى .
لى كېچياڭ كىلۋېت بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى : جۇڭگو بىلەن تانزانىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان ، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىپ ، ئىشىنىپ ۋە قوللىشىپ كەلدى ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى باشتىن-ئاخىر جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىپ كەلدى . جۇڭگو بىلەن تانزانىيە قاتارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولۇپ ، ھەمكارلىشىش ۋە تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك . يېڭى ۋەزىيەتتە ، جۇڭگو تەرەپ تانزانىيە تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلاملار ئالاقىسىنى ساقلاپ ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇپ ، چوڭ تىپتىكى ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئوبدان ئىشلەپ ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، جۇڭگو بىلەن تانزانىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ .
لى كېچياڭ يايى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى : يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، جۇڭگو بىلەن بېنىنىڭ ھەمكارلىقى تېز تەرەققىيات يولىغا كىردى ، مەن ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە ئالاقىدار ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئىقتىساد ، سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ ، ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن . جۇڭگو تەرەپ قوللىنىشچان ئۈسكۈنە ۋە تېخنىكىلارنى بېنىن قاتارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ئۆتۈنۈپ بېرىپ ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشنى خالايدۇ .