باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيەنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا چېگرا رايونىدىن ئەسكەر چېكىندۈرگەنلىكى ئامېرىكا بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئىنكار قىلىشىغا ئۇچرىدى

2014.05.09 10:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن 7-ماي مۇنداق دېدى: رۇسىيە، رۇسىيە-ئۇكرائىنا چېگرا رايونىدىن رۇسىيە ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈردى، بۇنى ئامېرىكا بىلەن ئۇكرائىنا تەرەپ ئىنكار قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋەقەنىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇكرائىنانىڭ ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشىگە يۈكسەك دەرىجىدە دىققەت قىلماقتا. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ ياردەمچى باياناتچىسى رۇسىيىنىڭ، رۇسىيە-ئۇكرائىنا چېگرا رايونىدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشىگە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەپ ۋەزىيەتنى پەسەيتىش جەھەتتىكى بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قارشى ئالىدۇ.

  باياناتچى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ نۆۋەتتىكى ھەرىكىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇكرائىنانىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىدا كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلەرنى ئورۇنلاشتۇردى. بىراق ياۋروپا بىخەتەرلىك تەشكىلاتى بۇندىن ئىلگىرى ئۇكرائىناغا ئەۋەتكەن ھەربىي ئىشلار كۆزەتكۈچىلىرى بىر مەزگىل تۇتۇپ قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر