- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بۇ يىل تۇنجى قېتىم مەخسۇس تەكشۈرۈش تەسىس قىلدى
2014.05.09 10:07 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تور بېكىتىدە 7-ماي تەكشۈرۈش خىزمىتى مەخسۇس بېتى تەسىس قىلىنىپ، مەركەزنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدىكى يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇشى، يېڭى تەلىپى ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ يېڭى تەدبىرى، يېڭى ئۈنۈمى قاتارلىقلار تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى. ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بۇ يىلقى 3-نۆۋەتلىك تەكشۈرۈشتە «مەخسۇس تەكشۈرۈشنى» تۇنجى قېتىم تەسىس قىلدى ھەمدە مەركەز باشقۇرىدىغان 280 نەچچە ئورۇن، تارماق ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىنى تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزمەكچى. نۆۋەتتە 3-نۆۋەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلاندى، ئالدىنقى ئىككى نۆۋەتلىك مەركەزنىڭ تەكشۈرۈشى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ نۆۋەتلىك تەكشۈرۈشتە تۇنجى قېتىم «مەخسۇس تەكشۈرۈش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2013-يىلىدىكى ئىككى نۆۋەتلىك تەكشۈرۈشتە، يەرلىك، مائارىپ مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەر، مىنىستىرلىك، كومىتېت، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ بىرىكمىسى ئۆلچەملىك تەكشۈرۈش قىلىنغان ئىدى. بۇ ئەھۋالدا بۇ يىل ئۆزگىرىش بولدى؛ جايلار دائىملىق تەكشۈرۈشكە ئايرىم كىرگۈزۈلدى، تەكشۈرۈلىدىغان باشقا تارماقلار ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار «مەخسۇس تەكشۈرۈش» دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر