باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون تۇنجى تۈركۈمدىكى مەمۇرىي تەستىق‹‹ھوقۇق تىزىملىكى››نى ئېلان قىلدى

2014.05.08 15:52         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇنىڭدىن كېيىن ھەر قانداق تارماقنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىلمەي تۇرۇپ ئۆز ئالدىغا ئېلان قىلىپ يولغا قويۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ

  لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 7 – ماي ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك تارماقلىرى يولغا قويۇۋاتقان مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرى مۇندەرىجىسى(1)››نى ئېلان قىلدى. بۇ، ئاپتونوم رايون ئېلان قىلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى شۇ دەرىجىلىك تارماقلار يولغا قويىدىغان مەمۇرىي تەستىق ھەرىكىتىنىڭ ‹‹ھوقۇق تىزىملىكى›› بولۇپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 21 تارماق(ئورۇن) يولغا قويىدىغان 145 مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 50 تارماق(ئورۇن) يولغا قويىدىغان مەمۇرىي تەستىق تۈرى كەينى – كەينىدىن ئېلان قىلىنىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قانۇنچىلىق ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئاپتونوم رايون تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ۋە تەڭشەلگەن مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك كونكرېت يەنە قانچىلىك مەمۇرىي تەستىق تۈرى بارلىقى ئېلان قىلىنمىغانىدى. بۇ قېتىم شۇ دەرىجىلىك تارماقلار يولغا قويىدىغان مەمۇرىي تەستىق تۈر مۇندەرىجىسى، يەنى ‹‹ھوقۇق تىزىملىكى›› ئېلان قىلىندى، مۇندەرىجىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى جانلىق تەڭشەپ، داۋاملىق ئېلان قىلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بېكىتمىگەن مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى ھەرقانداق تارماق(ئورۇن)نىڭ ئۆز ئالدىغا ئېلان قىلىشى، يولغا قويۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەمۇرىي تەستىقنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان تارماق(ئورۇن)لار ئۆز تارماق(ئورۇن)لىرىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنى، نوپۇزلۇق تور بېكىتىدە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرى، دەلىل – ئىسپات، شەرتى، سانى، تەرتىپى، مۇددىتىنى ئاشكارىلايدۇ، ئالاقىدار تەرەپلەر بارلىق ماتېرىيال مۇندەرىجىسى ۋە ئىلتىماس ئۆرنەك نۇسخىسى، شۇنداقلا تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقا مۇناسىۋەتلىك تارماق(ئورۇن) قاتارلىقلارنى تاپشۇرىدۇ. ئاشكارىلانمىغان بولسا، مەمۇرىي تەستىقنى يولغا قويۇشقا بولمايدۇ.

  مەمۇرىي تەستىقنى يولغا قويۇش ھەق ئېلىشقا چېتىلىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھاتقا مەسئۇل تارماقلار بىرلىكتە ھەق ئېلىش تۈرى ۋە ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. پۇقرالار، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئالاقىدار تارماق(ئورۇن) قانۇنغا خىلاپ ھالدا مەمۇرىي تەستىقنى يولغا قويسا، تەنقىدلەش، تەكلىپ بېرىش ياكى پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ‹‹ھوقۇق تىزىملىكى››نىڭ مەزمۇنى يولغا قويغۇچى ئورگان، تۈر نامى ۋە تارماق تۈر، بەلگىلەنگەن دەلىل – ئىسپات قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، چېتىلىدىغان 21 تارماق ئىچىدە ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى ۋە مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىدارىسىنىڭ مەمۇرىي تەستىق تۈرى كۆپ، سەھىيە نازارىتىنىڭ كەسپىي سەھىيە مۇلازىمىتى ئاپپاراتى(تېخنىكا مۇلازىمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)نىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، داۋالاش ئېلانىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق 16 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىق تۈرى؛ مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىدارىسىنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلار دۇكىنى ئېچىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش قاتارلىق 15 مەمۇرىي تەستىق تۈرى بار ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر