- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى
2014.05.08 16:03 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
بۇ يىل ماي ئېيى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 32-قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى .خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيە موجى بازىرىدىكى خىزمەت گۇرۇپپىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىدىيەسى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ ، ئىجادچانلىق روھىنى ئۇرغىتىپ ، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئاساسىي قاتلاملارنىڭ چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلىشى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە ، 5–ئاينىڭ 5–كۈنى ‹‹ ئىتتىپاقلىق لوڭقىسى ›› تېمىلىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزدى . پائالىيەتكە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەزالىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرىدىن بولۇپ مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى . بۇ قېتىملىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قانات يايدۇرۇلۇشى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىپلا قالماستىن ، يەنە قوشنا يۇرت-مەھەللىلەر ئارىسىدىكى دوستلۇقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى .
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر