باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

8-ماي 2-نۆۋەتلىك يازلىق ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا يۈز كۈن قالدى

2014.05.08 15:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  8-ماي 2-نۆۋەتلىك يازلىق ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا يۈز كۈن قالدى. قەدىمىي شەھەر نەنجىڭ ئاسىيا ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالىدۇ. نەنجىڭ پائال تەييارلىق قىلىش بىلەن بىرگە ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ياشلىق ھاياتى كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتىدۇ. ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2007-يىلى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ياشلار ئۈچۈن تەسىس قىلغان خەلقئارالىق ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە مۇسابىقىسى، نەنجىڭ مۇكەممەل تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى، مول چوڭ مۇسابىقە تەجرىبىسىگە تايىنىپ، 2010-يىلى 2-نۆۋەتلىك يازلىق ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. بۇ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىنكى ئېلىمىز ئۆتكۈزۈدىغان يەنە بىر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى. نەنجىڭ ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا تەييارلىق كۆرۈش داۋامىدا، ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى نۇقتىئىنەزىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شەھەرنى تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. پۈتۈن شەھەردىكى مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان، كۆپ ئىسراپ قىلىدىغان 400دىن ئارتۇق كارخانىنى تاقىدى، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ نىسبىتى ئەنئەنىۋى كەسىپلەردىن ئېشىپ كەتتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، شەھەر باشقۇرۇش كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. ھازىر نەنجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سىناق ھەرىكەت باسقۇچىغا كىردى، يۈز كۈن قالغانلىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى كەينى-كەينىدىن ئۆتكۈزۈلدى. 7-ماي ياشلىق باھارى نەنجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئارزۇسى نامىلىق 2014-يىللىق نەنجىڭ ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا يۈز كۈن قالغانلىقى ئاساسىي تېما قىلىنغان پائالىيەت شەرقى جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى. نەنجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، نەنجىڭ ياشلار ئولىمپىك مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ياڭ ۋېيزې: نەنجىڭ بۇ نۆۋەتلىك ياشلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى تىرىشىپ ئوبدان ئۆتكۈزىدۇ، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر