باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ شەرقى جەنۇب رايونلىرىنىڭ يەرلىكتىكى ئومۇمىي خەلق سايلىمىنى كېچىكتۈرۈپ ئۆتكۈزۈشىنى تەشەببۇس قىلدى

2014.05.08 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ماي موسكۋادىن بەرگەن خەۋىرى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 7-ماي، رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ شەرقى جەنۇب قىسمىدىكى « فېدېراتسىيە تۈزۈمىنى قوللىغۇچىلار»نىڭ 11-ماي ئۆتكۈزمەكچى بولۇۋاتقان ئومۇمىي خەلق سايلىمىنى كېچىكتۈرۈپ ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، دېدى. پۇتىن شۇ كۈنى زىيارەتكە كەلگەن ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى، شۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بۇركخارتىر بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئومۇمىي خەلق سايلىمىنى كېچىكتۈرۈپ ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىشتا ئۇكرائىنانىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى « فېدېراتسىيە تۈزۈمىنى قوللىغۇچىلار» بىلەن «كىيېۋ ھۆكۈمىتى»نىڭ سۆھبەت ئېلىپ بېرىشىغا زۆرۈر شەرت ھازىرلاشنى مەقسەت قىلغان. 4-ئاينىڭ بېشىدا، ئۇكرائىنانىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى دۇنېچىك ئوبلاستى ۋە لۇگانسك ئوبلاستىدىكى فېدېراتسىيە تۈزۈمىنى قوللىغۇچىلار 11-ماي ئۆز رايوننىڭ كەلگۈسى ئورنى مەسىلىسى ئۈستىدە يەرلىك ئومۇمىي خەلق سايلىمى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. (خۇ شاۋگاڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر