باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئابىشىنزۇنىڭ گلۇبۇس زىيارىتى

2014.05.08 16:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابىشىنزۇ دىپلوماتىيەنى جاھىللىق بىلەن ئۆزىنىڭ گلوبۇستىكى ئىزى دەپ قاراپ، ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئۆزىنى چوڭ كۆرسەتكەن ھالدا يەر شارى دىپلوماتىيەسىنى قانات يايدۇردى،ئۇنىڭدا دىپلوماتىيەنىڭ ھەقىقىي مەزمۇنىغا نىسپەتەن قىلچە ھۆرمەت يوق ئىدى. رۇشەنكى، پەردە ئارقىسىدىكى ئۇستازى ئۇنىڭغا يىراقتىكى بىلەن ئەپلىشىپ، يېقىندىكىگە زەربە بېرىش دىپلوماتىيەنىڭ چىنلىقى دېگەن بولسىمۇ، ئەمما خاتا سەپسەتە ھەقىقىقەتكە ئايلىنالمايتتى.

  ئاددى ھېسابلىغاندا، ئابىشىنزۇ ئۆتكەن يىلى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن بىر يىلدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتىتپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 29 دۆلەتتە زىيارەتتە بولدى، ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ھەر ئايدا دېگۈدەك توختىماي زىيارەتكە چىقتى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا يانچۇقى توم ئابىشىنزۇ بەك ھاياجانلىنىپ ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا ئەللىرى ئىتىتپاقىدەك يىراق جايلاردىمۇ ئېزىنى قالدۇردى، 3-ئايدا يەنە سوچىغا بېرىپ، پۇتتىنىڭ ياخشى ئىتىنى ماختاشقىمۇ ئۈلگۈردى، يېقىندا يەنە 10 نەچچە كۈن ياۋروپا ئەللىرى ئىتىتپاقىدىكى ئالتە دۆلەتتە زىيارەتتە بولدى.

  قارىغۇ بولمىسىلا ھەممە كىشى ئابىشىنزۇنىڭ كۈن بۇيى سىياسىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن ئالدىراش ئېكەنلىگىنى بىلمەي قالمايدۇ: 1-قۇرال-ياراقنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىسادقا تۈرتكە بولۇش، 2- ئىجابى تىنچلىقپەرۋەرلىكنى تەشۋىق قىلىش. بۇلارنى بىر يەرگە قويغاندا، ئەقىللىق كىشىلەر بۇ ئىككىسىنىڭ قىلچە مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى بىلىدۇ. ئەمما ئابىشىنزۇ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا مەسخىرە ۋە تەنىقىدلەشكە ئۇچرىسىمۇ، كۈچەپ بۇنى بىرىكتۈرمەكچى بولىۋاتىدۇ.

  4-ئاينىڭ بېشىدا، ئابىشىنزۇ قۇرال ئېكىسپورتى ئۈچ پرىنسىپىنى پەدەزلەپ، مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرىنى يۆتكەش ئۈچ پرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ قۇرال-ياراق سودىسى توغرىسىدىكى تەسەۋۇرىدىن ئۆزىنى چەتكە ئالماقچى بولدى.

  نۆۋەتتە ئىگىلىگەن خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ياۋروپا زىيارىتىدە ئابىشىنزۇ ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، گىرمانىيە بىلەن بىر يۈرۈش قۇرال تەتقىقات كېلىشىمى ھاسىل قىلغان، بۇ پەقەتلا بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى نامىدىن پايدىلىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىش ئەندىشىسىنى يۇقىتىش ئىدى.

  گىرمانىيەگە زىيارەتكە چىقىشتىن ئىلگىرى، ئابىشىنزۇ گىرمانىيە « فىرانكفۇرت گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، گېرمانىيەنى دوراپ قوشنا دۆلەتلەردىن كەچۈرۈم سوراشنى رەت قىلدى ھەمدە خىجىل بولماي يالغان سۆزلەپ، ئاشكارا ھالدا ياپونىيە قوشنا دۆلەتلەرگە تۆلەم بېرىش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، دېدى.

  ئابىشىنزۇ پاكىت ياغلىما سۆزدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، دېگەن مۇنداق بىر ئاددى ھەقىقەتنى بېلىشى كېرەك، قارىغۇچىلارچە يەر شاردىكى بارلىق دۆلەتلەرنى ئايلىنىش يەر شارىدىكى دۆلەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. گېرمانىيە زۇڭلىسى مىركىل بىلەن سۆھبەتلەشكەن پەيتتە، ئابىشىنزۇ 50دىن ئارتۇق گىرمانىيەدىكى ياپونىيەلىك ۋە گىرمانىيەلىكنىڭ ئورتاق قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى. بۇ دىپلوماتىيە جەھەتتە ئاز ئۇچرايدۇ. گىرمانىيەنىڭ بىر تارىخشۇناسى ئوچۇق قىلىپ، ئابىشىنزۇنىڭ سۆزى ئۇ يەر بۇيەردىن نەقىل كەلتۈرگەنلىك، تارىخى تونۇشنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەنلىك، دېدى.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى جۇڭگو رەھبەرلىرى ياۋروپادا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە فىرانسىيەدىكى ھەر قايسى چوڭ تاراتقۇلارنىڭ قىزغىنلىقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئابىشىنزۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى سۇغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىدى. قارىغاندا، ئابىشىنزۇنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ ھېچقانچە بازىرى يوقتەك قىلىدۇ.

  ياۋروپادا زىيارەتتە بولغان مەزگىلىدە ياپونىيە مەملىكەت ئىچىدە ئىتراز بىلدۈرۈش ئۈزۈلمىدى، نەچچە مىڭ ئامما توكيودا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئابىشىنزۇ ھاكىمىيىتىنىڭ تىنچلىق ئاساسى قانۇننى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشى قەبىھ ھۆكۈمرانلىق، ھەقىقەت مەۋجۈت ئەمەس، دېدى.

  جامائەتچىلىك تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئەگەر ئابىشىنزۇ زىيارەتكە بارغان دۆلەتلەرنى رەڭ بىلەن بۇيىساق، بوشلۇقتىكى بىر چەمبىرەككە ئوخشايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدا جۇڭگو بىلەن كورېيەدىن ئىبارەت ئەڭ مۇھىم قوشنا چۈشۈپ قالىغانىدى، گلوبۇس دىپلوماتىيەسى ئەتراپتىكىلەرگە مۇشت كۆتۈرۈپ، يۇقىرى ئاۋازدا ۋاراڭ-چۈرۈڭ قىلىش بولۇپ، دۇنيادىكى باشقا رايونلار بىلەن بولغان پۇرسەت دىپلوماتىيەسى ۋە ئۆزگە تارتىش دىپلوماتىيەسى ياپونىيەنى يېتىم قىلىش ئەھۋالغا چۈشۈپ قىلىشتىن ساقلاپ قالالمايدۇ.

  ئەمەلىيەتتە ئابىشىنزۇنىڭ نۇرغۇن پۇل خەجلەپ يەر شارىدا ئايلىنىپ زىيارەت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ئايالىمۇ ياپونىيەنىڭ قۇشنىلار بىلەن ئىناق ئۆتۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىلگىيە تاراتقۇلىرى مەسخىرە قىلىپ، ئابىشىنزۇ ئايالىدىن سىياسى ئۈگىنىشى كېرەك، دېگەنىدى، بۇ خىل قاراش ياپونىيەنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۈنىلىشىگە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر