باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گاۋ يۈ چېگرا سىرتىدىكىلەرنى قانۇنسىز دۆلەت مەخپىيىتى بىلەن تەمىنلەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قولغا ئېلىندى

2014.05.08 15:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ بۈگۈن بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىن ئىسپاتلىشىچە، گاۋ يۈ چېگرا سىرتىدىكىلەرنى قانۇنسىز دۆلەت مەخپىيىتى بىلەن تەمىنلەش جىنايىتى بىلەن بېيجىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جەھەتتىن قولغا ئېلىنغان. 2013-يىلى ئاۋغۇستتا چېگرا سىرتىدىكى مەلۇم بىر تور بېكىتىدە مەركەزنىڭ بىر مەخپىي ھۆججىتى ئېلان قىلىندى، كەينىدىن بىر قانچە تور بېكىتى بۇنى كۆچۈرۈپ تارقاتتى، بۇ جەمئىيەتتە كەڭ ئىنكاس قوزغىدى. بېيجىڭ ساقچىلىرى بۇ ئىشنى دەرھال دېلو تۇرغۇزۇپ مەخسۇس تەكشۈردى. نۇرغۇن تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى گاۋ يۈنى جىنايەت گۇماندارى دەپ بېكىتتى. گاۋ يۈ ئايال، 70 ياش، بېيجىڭ چاۋياڭدىن. مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى نۇرغۇن ئىسپاتلارنى ئىگىلەش ئاساسىدا، 2014-يىلى 24-ئاپرېل ئۇنى قولغا ئالدى ھەمدە ئۇنىڭ تۇرالغۇسىدا مۇھىم ئىسپاتنى قولغا چۈشەدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايەت گۇماندارى گاۋ يۈ قانۇنسىز ئېرىشكەن مەركەزنىڭ بىر مەخپىي ھۆججىتىنى چېگرا سىرتىدىكى مەلۇم تور بېكىتىگە تەمىنلەپ بەرگەنلىك جىنايىتىنى تاپشۇردى. 2013-يىلى ئىيۇندا، گاۋ يۈ باشقىلار ئارقىلىق مەركەزنىڭ بۇ مەخپىي ھۆججىتىنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىدا يېزىپ ساقلاپ، بۇ ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىنى ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق چېگرا سىرتىدىكى مەلۇم تور بېكىتىنىڭ مەسئۇلىغا بەرگەن. بۇ تور بېكىتى بۇ ھۆججەتنى تولۇق تېكىستى بىلەن ئېلان قىلغان، ئارقىدىن نۇرغۇن تور بېكەتلىرى بۇنى كۆچۈرۈپ تارقاتقان. گاۋ يۈ تۇتۇلغاندىن كېيىن چوڭقۇر پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاش قىلمىشىم دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزدى، دۆلەتنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدى. مەن بۇنىڭدىن چوڭقۇر پۇشايمان قىلىمەن، مەن ئۆزۈمنىڭ خاتالىقى ۋە قىلمىشىنى سەمىمىي تونۇيمەن، قانۇننىڭ جازاسىنى قۇبۇل قىلىشنى خالايمەن. مۇخبىرنىڭ ئۇقۇشىچە، گاۋ يۈ ئىلگىرى 1993-يىلىمۇ دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك ئالتە يىللىق قاماق جازاسىغا تارتىلغانكەن. نۆۋەتتە بۇ دېلو يەنىمۇ تەكشۈرۈلمەكتىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر